خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربكە ياردەم بېرىش پىدائىيلىرى» دەپ ئاتالغان زور تۈركۈمدىكى كۆچمەنلەر قوشۇنى 13-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن ھەمدە بۇ جايدىن ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە تەقسىملەنگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يىغىلغان ئالتە مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ مائارىپ، تېببىي ساھە، ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئىشقا چۈشىدىكەن. خەۋەردە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مەركەز تۈرى» ۋە «يەرلىك تۈر» دېگەن ئىككى تۈر بويىچە توپلانغانلىقىنى، بۇلاردىن 60 پېرسەنتىنىڭ «مەركەز تۈرى» بويىچە توپلانغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى «ئوقۇغۇچى يۆتكەش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى 2003-يىلىدىن ئېتىبارەن داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە 24 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى مۇشۇ شەكىلدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا پىكىر قىلىپ: «نوپۇس يۆتكەش ھەرقانداق مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت بىرىنچى بولۇپ ئىجرا قىلىدىغان تەدبىرلەردۇر. بۇ خىلدىكى ئىچكىرىدە ئىشسىز قالغان يارىماس ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشقا ئېلىش يەنە بىر ياقتىن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ،» دېگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى