دىسنېي فىلىم شىركىتى تۇرپاندا ئىشلىگەن «مۇلەن» فىلىمى 4-سېنتەبىر كۈنى قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن تۇرپاندىكى لاگېرلار بىر قىسىم خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ بۇ سەۋەبتىن تۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا تۇرپاننىڭ شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىلا 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقى دەلىللەنگەن. مەزكۇر لاگېرلارنىڭ ئۈچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى خادىمى بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئاران بىر ئايدا بىر قېتىم بىنا ھاۋالاندۇرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
«مۇلەن» فىلىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارغا ئادەم توپلاش ئەۋجىگە چىققان 2018-يىلىدا سىنغا ئېلىنىشى، مەزكۇر فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىنىڭ بازار قوغلىشىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي پاجىئەلەرگە كۆز يۇمغانلىق مەسىلىسىنى ئاخبارات كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى. دىسنېي فىلىم شىركىتىنىڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا لاگېرلار مەسىلىسىگە شاھىت بولماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىگەن كانادالىق لاگېر تەتقىقاتچىسى شاۋن جاڭ دىسنېي فىلىم گۇرۇپپىسى تۇرپان ئايرودرومىدىن پىچانغا قاراپ ماڭغاندا ئاز دېگەندە 7 لاگېرغا شاھىت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تېلفوننى قوبۇل قىلغان پىچاندىكى ساقچى خادىمى تۇرپان شەھەر ئىچى ۋە يېقىن ئەتراپىدىلا 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ خادىم يەنە مەزكۇر لاگېرلاردا ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بىر ساقچىخانىدا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ خادىم ئۆزىنىڭ تۇرپان شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى 3 لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بايان قىلىنىشىچە، ئۇ تۇرپان شەھىرىدىكى 1-، 5- ۋە 6-تەربىيىلەش مەكتىپى دەپ ئاتالغان 3 لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ياردەمچى ساقچى بولۇش سۈپىتى بىلەن لاگېرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپ بىر نەرسە بىلمەيدىغانلىقى، پەقەت 5-لاگېردىكى بىر قىسىم ئىشلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۆزى ئىشلىگەن لاگېرلارنىڭ ئورنى ۋە قۇرۇلۇشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بۇ خادىم، 5-لاگېردىكى بىر سىنىپتا 36 كىشى ئوقۇغانلىقى ۋە بۇ 36 كىشىنىڭ ياشتا ئەڭ چوڭىنىڭ 60 ياش، ئەڭ كىچىكىنىڭ 17 ياش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر خادىم يەنە بۇ بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان 36 كىشىنىڭ بىر ياتاقتا ياتقانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، مۇخبىر ئۇنىڭدىن ياتاقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنى سورىغىنىدا ؛ ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئايدا بىر قېتىم بىنا سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ ھاۋالاندۇرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھاۋالاندۇرۇشقا، پۈتۈن لاگېردىكى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئەمەس، بەلكى بىر سىنىپ بىر سائەتتىن نۆۋەت بىلەن ئاچىقىلىدىكەن. لاگېردا كىشىلەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە ھاۋالاندۇرۇلۇش نۆۋىتى بىر ئايدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن.
نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماقخانىلاردا ئادەتتە جىنايەتچىلەرنىڭ 7 كۈندە بىر قېتىم ھاۋالاندۇرىلىدىغانلىقنى بايان قىلىپ، لاگېردىكىلەرنىڭ كۈنىنىڭ تۈرمە ۋە قاماقخانىدىنمۇ ناچار ۋە ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپاندا ئىشلەنگەن» مۇلەن «فىلىمىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونلۇق تەشۋىقات ئىدارىسى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھەشقاللا ئېيتىلغان. سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىنىڭ تۇرپاندىكى مەزكۇر لاگېرلارنى كۆرمەسلىكى ۋە لاگېردا بولۇۋاتقانلارنى بىلمەسلىكىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، پەقەت بازار قوغلۇشۇپلا، تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ رايىغا بېقىپ، لاگېردىكى پاجىئەلەرگە كۆز يۇمغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۇرپاندا ئۈچ لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزكۇر ساقچى خادىمى بىرىنچى لاگېردا 5 ئاي ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ 12 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى