تۈركىستان ۋاقتى | يالغان ۋەدىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرى بېسىم سەۋەبلىك قېچىشقا باشلىغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى كەسپىي ئورۇنلارغا ئىچكىرىدىن خىزمەتچى ئېلىشىدا ھازىر «90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار» نى مۇشۇ جايلاردا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» قا چاقىرىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي دېگەندەك بىر قاتار پاراۋانلىق مۇكاپاتى ئارقىسىدا خېبېي، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن «90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» بىر تۈركۈم خىتاي ياشلىرى بىۋاسىتە چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇرلار بولغان بۇ ناھىيەگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە باشقا مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆتكەن بەش يىلدا بىر يېرىم مىليارد سوم (تەخمىنەن 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا يېقىن مەبلەغ سالغان ھەمدە 800 دىن ئارتۇق خىتاي ياشنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان. گەرچە بۇ يېڭى ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇرچە بىلمىسىمۇ ھازىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئالدىدا ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھالنى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشسىز قېلىۋاتقان رېئاللىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇر مائارىپ قوشۇنىنى كونترول قىلىش يۇرۇنىشى، دېيىشمەكتە. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئاشكارا يوسۇندا خىتاي ياشلىرىنى مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىشقا چاقىرىق قىلىشى ئۇلارنىڭ قويۇق مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان نوپۇس كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋراڭ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى