ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم ئامېرىكانىڭ ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
ئۇ باياناتىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم ئۆزى خالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسىشەرقىي تۈركىستاننى ئاساس قىلغان دىنىي ۋە ئېتنىك توپلۇقلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ‹تەربىيەلەش› باھانىسىدا خىزمەت شارائىتى ئىنتايىن ناچار جايلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سالماقتا. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز.»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى