خىتاي دائىرىلىرى ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ئاستىدا ئۈرۈمچىدىكى رادىكال كارانتىن تەدبىرلىرىنى بەزى جايلاردا قىسمەن بوشىتىشقا باشلىغان.

دائىرىلەر 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنى كارانتىن ئاستىغا ئېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى قامال قىلغان. گەرچە دائىرىلەر 16-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رايوندا يۇقۇمىنىڭ توختىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قامالنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ رايوندىكى كۆچمەن خىتاي ئاھالىلەر خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يەنە ئاھالىلەرگە بىر خىل نامسىز سۇيۇقلۇقنى مەجبۇرى ئىچىرۈشى، ئىچمىگەنلەرنى جازالىشى تېخىمۇ پەيدا قىلغانىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىدىكى بەزى رايونلاردا قامالنى قىسمەن بوشۇتۇپ، پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق رايون ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا «ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى تاللا بازىرى، قۇلايلىق دۇكان ۋە مېۋە-چېۋە دۇككانلىرىنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېچىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

لېكىن خەۋەردە كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قايسى ئاھالىلەر رايونلىرىدا بوشىتىلغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. خىتاينىڭ رايوندا يۇقۇمغا قارشى قاللانغان تەدبىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق تەندىگە ئۇچراپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياڭيۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، نازارەت قىلىشتا قوللانغان ئوخشاش ئىدىيە ۋە ۋاستىلارنى ئىشقا سالغان.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى