ۋىرۇس سەۋەبىدىن قامال قىلىنغان مەلۇم مەھەللىنىڭ دەرۋازىسىدا كىرىش ۋە چىقىش ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقان كىشىلەر. 2020-يىلى 1-ئاپرېل، بېيجىڭ.

گۇۋاھچىلاردىن بېرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئۇچۇر يوللاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى دېگەن نام بىلەن نامەلۇم دورىلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقى، بەزى جايلاردا ۋاكسىنىمۇ ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ  يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامەلۇم دورىلارنى يەۋاتقانلىقى، بۇ دورىلارنىڭ نامى، رولى ۋە نىمىدىن ياسالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بەزىلەر، خادىملاردىن بۇ دورىلارنىڭ نېمە دورا ئىكەنلىكى ھەققىدە سوئال سوراشقا پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كەلگەن بىر ئىنكاستا شەرقىي تۈركىستاننىڭ  ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە ھەر خىل دورىلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇ دورىلارنىڭ دوختۇر-سېستىرالار تەرىپىدىن ئەمەس، ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئىشلەۋاتقان مەمۇرىي خادىملار تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. ئىنكاستا يەنە خادىملارنىڭ بۇ دورىلارنى كۈنىگە قانچىلىك يېيىشتىن باشقا چۈشەندۈرۈش بەرمەيۋاتقانلىقى، يەنە بەزى جايلاردا خادىملارنىڭ ئاھالىلەرنى دورىلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئىچىشكە زورلاۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يېزىسىدىكى بىر ئاھالە، ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە كۈن ئاۋۋال سۇيۇق بىر دورىنى ئىچكەنلىكى، ئەمدىلىكتە بولسا ئاق بىر تابلىت دورىنى يەۋاتقانلىقىنى، ئەمما دورىنىڭ نامىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پەيزىۋاتتىكى ئاھالىلەردىن بىرى باغچىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارغىمۇ ۋە ئۆزلىرىگىمۇ نامەلۇم دورىلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقىنى دېگەن. ئۇ ئۆزى يەۋاتقان دورىنىڭ دۈگىلەك ۋە توپارەڭ بىر دورا ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ نېمىگە پايدا قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كەلگەن ئىنكاستا بەزى ئاھالىلەرگە ۋاكسىنا ئۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇرۇلۇشتىن بۇرۇن مەلۇم بىر قەغەزگە ئىمزا قويغۇزىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. تېلېفوننى قوبۇل قىلغان مەلۇم خۇسۇسىي دوختۇرخانا خادىمى، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دائىرىدە ۋاكسىنا ئۇرۇلغىنىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ ئاھالىلەر كومىتېتى تارقاتقان بىر جۇڭيى دورىسىنى بىر ئايدىن بېرى ئىچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى بازىرىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى، ۋىرۇس مەزگىلىدە ئۆزى يەۋاتقان دورىنىڭ داۋالاش رولى ۋە يان تەسىرلىرىنى سورىغىنىدا، بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە بۇ ھەقتە سوئال سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ تور بېتىدە ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلىرى ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلىنغان. رابىيە قادىر خانىم نامىدىكى بۇ ئىنگلىزچە باياناتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىتىۋاتقان دورىلىرى ۋە كارانتىن قۇرۇلۇشلىرىغا قارىتا گۇمان ۋە ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رابىيە خانىم باياناتىدا،» 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىۋالغان ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا توغرا نىيەتلىك بىر ئىجرائاتنى كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ؛ خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارغا بېرىلىۋاتقان دورا ۋە رايوندا قۇرۇلغان كارانتىن قۇرۇلۇشلىرى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى