خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تەلىم ئالغانلارنىڭ، يېڭى كەسىپلەرنى ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنىڭ ئۆسكەنلىكى، شۇنداقلا ياخشى ئىش ئىمكانلىرىغا ئېرىشىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلار داۋامىدا قەشقەر پاختەكلىدە ئىلگىرى مۇستەقىل يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېتىۋاتقان تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ لاگېرغا كىرىپ-چىققاندىن كېيىن نۆۋەتتە قەشقەردىكى بىر خىتاي يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، قەشقەر پاختەكلىدە ئولتۇرۇشلۇق تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ 2017 -يىلنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ 2019 -يىلى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئىلگىرى يۈك توشۇش ماشىنىسىدا شەھەرلەر ئارا قاتناپ، يەنى ئۆز ئالدىغا يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى پۇل تېپىۋاتقان ئەركىن ھاشىمنىڭ لاگېردىن چىققاندا، پۈتۈن مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ بولغان بولغاچقا، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. دېيىلىشىچە ئەركىن ھاشىم لاگېرغا ئەكېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى، ئانىسى ۋە ئىككى بالىسى بولۇپ ئائىلىدىكى 4 جان بېقىشسىز قالغان. دەسلەپكى يىلى بۇ ئائىلە ئەركىن ھاشىمنىڭ ساقلاپ قويغان پۇللىرىنى بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن بولسا، ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە، ئائىلىنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى بولغان يۈك توشۇش ماشىنىسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا ئەركىن ھاشىم لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئىقتىسادىي ھاياتتا ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلار داۋامىدا، پاختەكلىدىكى بىر ساقچى خادىمى، ئەركىن ھاشىمنىڭ ئەسلىدە بىر شوپۇر ئىكەنلىكى، لاگېرغا ئەكېتىلىشتىن ئاۋۋال ئىشلىرىنىڭ ياخشى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ يەنە ئەركىن ھاشىمنىڭ ئىككى يىل لاگېردا يېتىپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان.
پاختەكلىدىكى بىر كەنت كادىرى ئەركىن ھاشىمنىڭ نۆۋەتتە، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.
بۇ كادىرنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ھەپتە ئارىلاپ ئىشلەيدىغان، شەنبە-يەكشەنبىلەرنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دەم ئېلىشتا ئۆتكۈزىدىغان ئەركىن ھاشىم نۆۋەتتە ھەپتىسىگە 7 كۈن ئىشلىمەكتە ئىكەن؛ ئىلگىرى ئېيىغا ئاز دېگەندە 5 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئەركىن ھاشىم نۆۋەتتە كۈنىگە 10 سائەتتىن ئىشلەپ ئېيىغا 1300 يۈەن كىرىم قىلماقتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى مەرتلىكى ۋە بەزىدە بەتخەجلىكى بىلەن تونۇلغان ئەركىن ھاشىم نۆۋەتتە ئىش مەزگىلىدە خىتاي كۆچمەنلىرى تەمىنلىگەن ئىككى قۇتا تەييار چۆپ بىلەن غىزالانماقتا.ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كەلگەن ئىنكاستا ئەركىن ھاشىمنىڭ ئىشچان ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر كىشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. پاختەكلى ساقچى خادىمى، ئەركىن ھاشىمنىڭ قويۇپ بېرىلىش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋابەن، ئۇنىڭ يۇقىرىقى تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئويۇنچى تەرىپىمۇ بارلىقى، سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەردىن ئۇزاق بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئەركىن ھاشىمنىڭ ئىلگىرى ھاراق-تاماكا بىلەن ھەپىلەشكەن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىشارەتلىگەن.