شىنجاڭ ياخشى جاي】 مەززىلىك شىنجاڭ نانلىرى--خەلق تورى--人民网

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادىي تەدبىرلىرىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار «مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بايلىق تالان-تاراج قىلىشى» دەپ ئەيىبلەۋاتقاندا ‍ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى ناۋايچىلىقنىڭمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشقا يۈزلىنىشى يېڭى غۇلغۇلا قوزغىغان.

«سوخۇ تورى» نىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ناۋايخانىلارنىڭ نانلىرى نۆۋەتتە خىتايدىكى 21 ئۆلكە ۋە شەھەرگە توشۇلۇشقا باشلىغان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن «ئابلاجان نانلىرى» دىن باشقا يەنە «ماي گۈلى»، «ياشىن» ۋە «مېييۈ» قاتارلىق شىركەتلەرمۇ زاۋۇتلاشتۇرۇلغان ناۋايخانىلارنىڭ نانلىرىنى ئىچكىرىگە يوللاشقا باشلىغان.

«شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2018-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ناۋايچىلىقى «كەسىپلىشىش» نامىدا بىر تۇتاش باشقۇرۇلۇشقا باشلىغان ھەمدە ئىچكىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى تەمىن ئېتىشكە باشلىغان. شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئالىي مېھمانخانىلارنىڭ ھەمدە ئاۋىئاتسىيە يوللىرىنىڭ يېمەكلىك تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنى زاۋۇتلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرگەنلىكىنى «‍ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرۇش ھىيلىسى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا بۇلاڭ-تالاڭ قىلمىغان ھېچنەرسە قالمىغان ئىدى. ئەمدى لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاز-تولا پۇل تاپىدىغان مۇشۇ كەسپتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇپ، ناۋايخانىلارنى ئىچكىرىدىكى خىتايلارنى باقىدىغان زاۋۇتقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ ئاتالمىش نان زاۋۇتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ‹قۇللار ئەمگىكى›نىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا» دېگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى