يېقىندا خىتاي بويىچە ئاز دېگەندە 21 ساقچى ۋە ئەدلىيە ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھەم شۇنداقلا ئىلگىرى خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ تەقدىرلەنگەن ساقچى ئەمەلدارلىرىمۇ بار ئىكەن.
«ۋال سىرت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەت خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرىنىڭ بىرى، مەركىزىي سىياسىي ۋە قانۇن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى چېن يىشىن ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى ماۋ زىدۇڭ ئۇسلۇبىدا تازىلاشنى تەلەپ قىلىپ «تىغنى ئىچىگە بۇراپ، سۆڭەكتىكى زەھەرنى يوقىتىدىغان پەيت كەلدى» دېگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلانغان. بۇ تەكشۈرۈش شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم كۈچلۈك ۋە سىستېمىلىق ھالدا دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى رادىكال ماركىزىسىملىق يولىغا ئېلىپ مېڭىشى خىتاي ئىچىدىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى ئاۋازلارمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا شى جىنپىڭ ئۆزىگە قارشى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
«ۋال سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ ۋە مۇتلەق ئىشەنچلىك» ساقچى، تەپتىش ۋە سوتچىلارنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ ھازىر قاتتىق ئەندىشىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن كەينىگە چېكىنگەن ئىقتىساد ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى خىتايدا ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە قارشى ئىجتىمائىي نارازىلىق قوزغىغان. شۇڭا شى جىنپىڭ ئىچكى مۇقىملىقنى ۋە ئۆز ئورنىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئورگانلار ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىۋاتقان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ ھازىر پەقەتلا زور تۈركۈمدىكى ئەمەلدارلارنى تەكشۈرۈشكە ئالغاندىن باشقا يەنە، كىشىلەرنى شى جىنپىڭ ئىدىيىسى ۋە نۇتۇقلىرى بىلەن تەربىيەلەيدىغان كەڭ كۆلەمدە ئىدىيەۋى تەربىيىلەشلەرنىمۇ يولغا قويغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى