ئانالىزچىلار «ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىملىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ...

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا  نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان. تېلېفوننى ئالغان خادىم دەسلىپىدە بۇ ھەقتە دىنىي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورگانلارنى ئىزدىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ، سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.  ئۇنىڭدىن بەزى ئورۇنلاردا ئۆيلىنىش مۇراسىمىدا نىكاھ ئوقۇتۇشقا رۇخسەت يوقلۇقى، يەنى دىنىي قائىدىلەر بويىچە نىكاھ ئوقۇتۇشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ قەشقەردە قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ «قەشقەردە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دەپ ئوچۇق جاۋاب بەرگەن. ئەمما بۇ تۈزۈمنىڭ قەشقەردىن باشقا جايلاردا قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان. قەشقەردە نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن، مۇخبىرلار بۇ چەكلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە قەشقەردىكى يېزا دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن مەلۇمات سورىغان.

پاختەكلى يېزىسىدىكى بىر كەنت كادىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاختەكلىدە يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۆيلەنگەنلەر نىكاھ ئوقۇتمىغان، ئۆيلىنىش رەسمىيىتى پەقەت توي خېتى ئېلىش بىلەنلا تاماملانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پاختەكلىدىكى كادىرلار ئاھالىلەرگە نىكاھ ئوقۇتۇشنى چەكلەشنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» دەپ كۆرسەتكەن ۋە كۆپ ئادەم توپلىنىدىغان ۋە ياكى باردى-كەلدى قىلىدىغان ھەرقانداق بىر مۇراسىمنىڭ مۇقىملىققا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇ چەكلىمىنىڭ نەتىجىسىدە نىكاھ ئوقۇتۇشلا ئەمەس، ئىككى يىلدىن بۇيان پاختەكلىدە توي مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلمىگەن.

نىكاھ ئوقۇتۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىنىش مۇراسىمىدىكى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە نازۇك بىر ھالقا بولۇپ، بۇ مۇراسىم توي كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. توي قىلىدىغان قىز-يىگىت قولداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم جامائەتنىڭ ئالدىدا ۋە بىر دىنىي زاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇئا-تىلاۋەتلەرلەر بىلەن نىكاھ ئوقۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ. پاختەكلى يېزىسىدىكى مەزكۇر كادىر پاختەكلىدە نۆۋەتتە نىكاھسىز ئۆيلىنىشنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا نورمال كۆز بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يېقىنقى بىر مىسالنى تىلغا ئېلىپ، پاختەكلى 5-‏كەنت2 ‏-مەھەللىسىدىكى نىيازئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ 22 ياشلىق ئوغلىنىڭ قوشنا كەنتتىكى بىر قىز بىلەن توي خەت ئېلىپلا ئۆي تۇتقانلىقىنى ۋە نىكاھسىز ھالدا ئېغىرئاياغ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى