ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن مامۇتجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يۇرتى قەشقەردە قالغان ئايالى ۋە نارەسىدە بالىلىرىنى ئاۋسترالىيەگە ئەكېلىش رەسمىيەتلەرنى ئۆتەۋاتقان كۈنلەردە، ئايالىنىڭ 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان.
مامۇتجان ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەسلى مالايسىياغا دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن چىققان. كېيىن ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنى مالايسىياغا چاقىرتىپ ئائىلىسى بىلەن 2015-يىلغىچە مالايسىيادا تۇرغان. شۇ يىلى ئايالى مۇھەررەمنىڭ پاسپورتى يۈتۈپ كېتىپ، مالايسىيادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىدا، تەلىپى رەت قىلىنغان. ئايالىغا پەقەتلا خىتايغا قايتالايدىغان «ئاق پاسپورت» (ساياھەت ھۆججىتى) بېرىلگەن. مۇھەررەم ئامالسىز ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، يۇرتى قەشقەرگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ئايالى مۇھەررەم ۋە بالىلىرى بىلەن قايتا جەم بولۇش ئۈچۈن قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرى بىكار بولغان.
مامۇتجان ئەپەندى ئايالىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، 2017-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە دائىرىلەرنىڭ ئايالى مۇھەررەمنى «ھىجابلانغان» دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا قامىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى نارەسىدە بالىسى ئىككى ئائىلىدىكى ياشانغانلارنىڭ بېقىشىغا قالغان.
ئۇ بۇ پاجىئەلەردىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ۋە بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ بىر مەزگىللىك سۈكۈت يولىنى تاللىغانلىقىنى، كېيىنچە ئۆزىنىڭ مالايسىيادا بىخەتەر بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئىلاجسىز ئاۋسترالىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇ قېتىم ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاۋسترالىيەگە ئېلىپ كېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتقان.
مامۇتجان ئەپەندى ئاۋسترالىيەگە كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل سۈكۈت يولىنى تاللىغان. ئۇ شۇ مەزگىلدە ئاۋسترالىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئايالى مۇھەررەم ۋە ئىككى بالىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇلارنى ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئاۋسترالىيەگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىغا چۈشۈپ خىتايغا بېسىم قىلىشى بىلەن ئايالىنى لاگېردىن تېز ئارىدا قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش خىيالىغا ئۈمىد باغلىغان. 2019-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە ئۇ ئايالى مۇھەررەمنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىدا ئۇنىڭدا ئائىلىسىنى تېز ئارىدا قۇتقۇزۇپ چىقالايدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدى كۈچەيگەن.
ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ بىر تونۇشى ئارقىلىق ئايالىنىڭ بەش يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان.
مامۇتجان ئەپەندى ئۆز بېشىغا كەلگەن ئائىلە پاجىئەسىگە يەنە سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتە ھېچبىر نەتىجىسى بولمايدىغانلىقىنى ئاخىرى تونۇپ يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئورتاق يۈزلىنىۋاتقان بۇ رېئاللىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قارارىغا كەلگەن.