خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جىددىي چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىيىم مودېلى مەردان غاپپارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىنىڭ تەكىتلىشىچە، مەردان غاپپار دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ياكى ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ بىرەر ھەرىكىتى بولسا خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئەيىپلىنىشى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات 21-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا كىشىلەرنىڭ كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋمىڭغا خەت يېزىپ، مەردان غاپپارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئۇنىڭ تەن جازاسى ياكى باشقا قوپال مۇامىلىلەرگە ئۇچرىشىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.
مەردان غاپپار بۇ يىلنىڭ 1-ئايدا خىتاينىڭ فوشەن شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، كۇچاغا ئېلىپ كېلىنگەن. يېقىندا ئۇنىڭ كۇچادىكى بىر قاماقخانىدا سۈرەتكە ئېلىنغان ۋىدېيوسى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارادا قاتتىق غۇلغىلا قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇنىڭغا «سەھىيە خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك ‹مەجبۇرلاش تەدبىرى› قوللىنىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۆزى تالىغان ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشى، ئۇنىڭ تەن جازاسى ۋە قوپال مۇامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى سەرخىللەر ئاساسلىق يوقىتىش نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى