خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا لاگېرلار بىلەن تونۇلغان قاراماي شەھىرى خىتاينىڭ سىياسىي-قانۇن بىلەن باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشچە، قاراماي شەھىرى بۇ ساھەدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاينىڭ «مەملىكەتلىك ئۈلگىلىك شەھەر» تىزىملىكىگە كىرگەن بىردىن-بىر شەھەر ئىكەن. خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇنىدا قارامايدا نۇرغۇن لاگېرلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى، بۇ لاگېرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى ۋە پائالىيەتچى ئۆمېر بەكئالى قارامايدىكى بىر لاگېرغا قامالغان تۇتقۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى كىشىلەرنىڭ بۇ جايدىكى لاگېرلار ۋە ئۇنىڭدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، قاراماي شەھىرى «يېقىنقى يىللاردا قانۇن بىلەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، قانۇن بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دىققەت بىلەن ئورۇنداپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى» ئۈچۈن خىتاينىڭ «مەركىزىي ئومۇميۈزلۈك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كومىتېتى» تەرىپىدىن بۇنىڭغا لايىق كۆرۈلگەن ئىكەن.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم «قانۇن بىلەن باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر» لەرنى باھالىشىدۇر. نۆۋەتتە قارامايدىكى لاگېرلارغا قامالغان تۇتقۇنلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى تۇتۇلغان تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمىنى قاماققا ھۆكۈم قىلىپ، بىر قىسمىنى كارخانىلارغا يۆتكىگەن، ئاز بىر قىسمىنى قويۇپ بېرىپ، ئاىلىسىدە نازارەتكە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن قالغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى