دۇنيادىكى ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاممىۋى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار بولۇپ 71 خەلقئارالىق تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارىتا «يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى» نى يۈرگۈزۈپ جازالاش توغرىسىدا بىرلەشمە ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ بىرلەشمە تەلەپ خېتى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى ئانسوۋا-فىلىپ شامپان، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك راب، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋىن مىنۇچىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا قارىتىپ يېزىلغان.
18-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان مەزكۇر بىرلەشمە خەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق ئورگانلارغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ تەدبىرىنى قوللايدىغانلىقى ۋە بۇ تەدبىرلەرنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتقانلىقى بايان قىلىنغان.
بىرلەشمە خەتتە مۇنداق كونكرېت ئىككى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچىدىن، ئەنگلىيە ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خىتايغا قاراتقان جازالاش ھەرىكىتىنى ئەينەك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان؛ ئىككىنچىدىن، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ «يەر شارى ماگنېتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى قوللىنىش ۋە جازا نىشانىنى بەلگىلەشتە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى قاراتمىلىقى بولغان ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.
بىرلەشمە خەتكە ئىمزا قويغان تەشكىلاتلاردىن ئامېرىكادىكى «ھەممىگە ئادالەت» تەشكىلاتى ئېلان قىلغان مەزكۇر خەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەققىدىكى باياناتىدا، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنى لايىھىلىگەن ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتا دۇنيانىڭ ھەمكارلىققا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئابدۇل مالىك مۇجاھىد باياناتتا مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى جازا بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئېلىپ بارغان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن بۇ زور كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىغا قاماش سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ.»
«ھەممىگە ئادالەت» تەشكىلاتى باشلاتقان «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتىنىڭ دىرېكتورى ئايدىن ئەنۋەر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ بۇ بىرلەشمە ئىمزالىق خەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «يالغۇز ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك ئۆيى قاتارلىقلار دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە تەشكىلاتلار، ھەتتا بۇددىستلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتى، ۋېيتنامدىكى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ئەركىن رۇسىيە فوندى قاتارلىق 71 دىنىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ خەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەرشارىلاشقانلىقىنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى. بۇ ئىنتايىن زۆرۈر ۋە كۈچلۈك بولغان چاقىرىق. تەلەپلىرىمىزگە ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلەردىن تېز ئارىدا مەمنۇنىيەتلىك جاۋاب ئالالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم بار.»
مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق خېتىگە «يەر شارى ماگنېتسكىي ئادالەت ھەرىكىتى» نىڭ دىرېكتورى بىل بروۋدېر ئەپەندىمۇ خاس ئىمزا قويغان بولۇپ، بىل ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ سۇئاللىرىغا يازمىچە جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ تەلەپ خېتىگە شەخسەن مەن ئىمزا قويدۇم. دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ‹ماگنىتسكىي قانۇنى› نى قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن خىتايغا قارىتا جازا قوللىنىش ئۈستىدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر كانادا ۋە ئەنگلىيە پات يېقىندا ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلىدە ئورتاقلاشمىسا، مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ.»
بىرلەشمە خەتكە ئىمزا ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتېر ئېرۋىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «گەرچە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ بۇ بىرلەشمە خەتكە ئىمزا قويغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما بىز ئەڭ ئاۋۋال بۇ ھەرىكەتكە چاقىرىق قىلغۇچى تەشكىلات ‹ئەڭ ئاۋۋال كىشىلىك ھوقۇق› ناملىق تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئاۋاز قوشتۇق. خەتتە تەلەپ قىلىنغانلار ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ ئورتاق تەشەببۇسىمىزدۇر. بۇ خەت ئىنتايىن مۇھىم. يېقىندا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن يالغۇز بىرلا دۆلەتنىڭ تەدبىر قوللىنىشى يېتەرلىك بولمايدۇ، باشقا دۆلەت ۋە ھۆكۆمەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقشىپ ئورتاق تەدبىر قوللىنىشى تېخىمۇ تېز ۋە ئەمەلىي نەتىجە بېرىدۇ، دەپ ئويلايمىز. بىز شۇنى تەشەببۇس قىلىمىز.»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى