ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم دېموكراتچى ئەزالار خىتاي تەرىپىدىن مەخپىي سوتلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ياش ئەكبەر ئەسەدنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلغان.
ئامېرىكادىكى «The Hill» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتچى ئەزاسى ماكىس روز باشچىلىقىدىكى ئەزالار 18-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەيگە ئىمزالىق مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئەكبەر ئەسەدنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزلىرىگە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
«باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەت 2016-يىل 2-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «خەلقئارا زىيارەتچىلەرنى تەربىيەلەش رەھبەرلىك پروگراممىسى» غا قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن تۇتقۇن قىلىنغان. بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتچى ئەزالىرى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى سۈي تىيەنكەيگە يازغان خېتىدە ئەكبەر ئەسەت قۇرغان «باغداش تورى» نىڭ ئەينى چاغدا خىتايدىكى تاراتقۇلاردا خىتايدىكى مەدەنىيەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، دەپ مەدھىيەلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار: «بىز ئەكبەر ئەسەدنىڭ ‹مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش› دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. . . بىز سىزنىڭ ئەكبەر ئەسەدنىڭ ئەھۋالىغا چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنىڭ بالدۇرراق ئائىلىسىگە قايتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز،» دەپ يازغان.
يۇقىرىقى بۇ مەكتۇپقا ئىمزا قويغان دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتچى ئەزالىرىدىن ماكس روزدىن باشقا يەنە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم كوپېر، ستېفانې مۇرفى، جىم كوستا، ئابىگايىل سپانبېرگېر، جوش گوتتېيمېر قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئەكبەر ئەسەتنىڭ تۈرمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى