ئەنگلىيەلىك تونۇلغان سىياسىيون ۋە سابىق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرى ئىئىن دانكان سىمىس خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئەنگلىيەدىكى «ئەخپرەسس» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سابىق مىنىستىر ئىئىن سىمىس 1980-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ساھىبخانىلىق قىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، خۇددى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭمۇ بايقۇت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئەركىن بازار قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى، خۇاۋېي شىركىتى ئارقىلىق ھەقسىز رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
«ئەخپرەسس» گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە سابىق مىنىستىرنىڭ بۇ سۆزىنىڭ دەل چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى 2022-يىللىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارارىغا قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىرغان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.