نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلارنى پويىزغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كەلگەن بىر ئىنكاستا كورلادا دائىرىلەرنىڭ لاگېرلارنى ئىخچاملاش ئۈچۈن لاگېرىدىكىلەر ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىپ تۈرمىلەرگە يوللاۋاتقانلىقى، ئەمما مەھكۇملار سانىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن تۈرمىلەرگە سىغمايۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كورلادىكى بىر كوچا باشقارمىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەردىن 25 كىشىنىڭ 3 يىللىقتىن كېسىلىپ، جازاسىنى 5 يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي قانۇنىدا ئادەتتە جازا مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ پەقەت ئۆلۈم جازالىرى ئۈچۈنلا چىقىرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كورلادىكى بۇ جازانىڭ تۈرمىلەردە بوش ئورۇن قالمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغاا ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر كورلادا لاگېرلارنى ئىخچاملاش ئۈچۈن لاگېردىكى زور بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى چىقىرىپ تۈرمىلەرگە يوللىغان. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن، توپ-توپ ھالەتتە يوللانغان بۇ مەھكۇملارغا تۈرمىلەردىمۇ ئورۇن قالمىغان. نەتىجىدە جازاسى نىسبەتەن يېنىك بولغان بىر قىسىم كىشىلەر جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۆز ئائىلىسىدە يېتىپ-قوپۇشتىن باشقا ئەركىنلىكى بولمىغان بۇ كىشىلەر، ئۈستىدىكى نازارەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن ئىش تېپىش، يەنى تىرىكچىلىك قىلىشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.

كورلادىكى بىر كوچا باشقارمىسىنىڭ ساقچى خادىمى بۇ باشقارمىدىن25 كىشىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە قەرەللىك ھالدا مەزكۇر ساقچى پونكىتىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. دېيىلىشىچە، بۇ 25 كىشى لاگېردىكى مەزگىلىدە 3 يىللىق كېسىلىپ جازاسىنى 5 يىل كېيىن ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما مەزكۇر خادىم بۇ باشقارمىدىن قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، قانچىلىكىنىڭ تۈرمىگە يوللانغانلىقى ۋە قانچىلىكىنىڭ لاگېردا قېلىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمىگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كەلگەن مەزكۇر ئىنكاستا كورلادا يېقىنقى مەزگىللەردە لاگېرلار سانىنىڭ تۆتتىن بىرگە چۈشكەنلىكى، ئەمما تۈرمىنىڭ بىردىن تۆتكە كۆپەيگەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇخبىرنىڭ تېلىفونىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ساقچى خادىمى كورلادا نۆۋەتتە لاگېردىن بىرى بارلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ تۈرمىدىن قانچىسى بارلىقى ھەققىدىكى سوئالغا ئۆزىنىڭ لاگىر ۋە تۈرمە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئىشى ئادەتتە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئۈچۈن قوللىنىلىدىكەن. بۇ جازانىڭ قىسقا مۇددەتلىك كېسىلگەنلەر ئۈچۈنمۇ بېرىلىشى بىر غەلىتە ئەھۋال بولۇپ، بۇ بەلكىم نۆۋەتتە لاگېر تۇتقۇنلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۈرمە يېتىشمەسلىكنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بەختىيار ئەپەندى يەنە لاگېر تۇتقۇنلىرى ئارىسىدا قويۇپ بېرىلگەن بۇ ئاز ساندىكى كىشىلەرنى لاگېر سىرتىدىمۇ قورقۇتۇپ تۇرۇپ ئىدارە قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر جازا تۈرىنى يولغا قويغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندىمۇ بۇ تېمىدا بەختىيار ئەپەندى بىلەن ئوخشاش قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى