دۇنياۋى ماركىلار ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ...

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆتكەن ئاينىڭ 13-كۈنى ئالاقىدار ئىدارە جەمئىيەتلەرگە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە 19 مىڭ كىشىنى قۇرۇلۇش ساھەسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەن ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا بۇ 19 مىڭ كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لاگېرىدىكىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 13-ئىيۇل كۈنى تارقاتقان ھۆججىتىدە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش ساھەسىدە 19 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ھۆججەتتە يەنە بۇ جەرياندا 36200 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ھۆججەتتە بۇ پىلاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە بۇ پىلان شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەدبىرلەردىن بىرى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان.

ھۆججەتتىكى مەزمۇنلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ، جۈملىدىن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق سىياسىي ۋەزىيىتى بۇ لايىھەنىڭ لاگېردىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەت قىلماقتا. . بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. مەزكۇر ھۆججەتتە قالدۇرۇلغان ئالاقىلىشىش نومۇرىغا تېلېفون قىلغاندا،  تېلېفوننى ئالغان خادىم ئۆز ئىشخانىسىنى «19 مىڭ كىشىنى 3 يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ئالاقە ئىشخانىسى» دەپ تونۇشتۇرغان. بۇ خادىمدىن پىلانلانغان بۇ 19 مىڭ كىشىنىڭ بايىنغولىندىكى لاگېرىدىكىلەر، يەنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەر ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان. ئۇ بۇ پىلاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغانلارنىڭ ئارىسىدا لاگېدىكىلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، يەنە باشقا ھەرقايسى ساھە ۋە مەكتەپتىكىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن يىلى ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە ئوقۇغۇچىلىرى» نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى؛ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى باياناتلىرىدىمۇ «ئاتالمىش كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى» نىڭ تاقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغۇچىلار ئارىسىدا لاگېدىكىلەرنىڭمۇ بارلىقىدىن ئىبارەت يۇقىرىقى ئۇچۇر شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

لاگېرلاردىكىلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزدىن چۆچۈگەن بۇ خادىم ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر خاتا ئىش قىلمىغانلىقى، پەقەت مەركەز ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلار داۋامىدا كورلادا ئاز دېگەندە 4 ئورۇندا لاگې بارلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى.
ئىلگىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كەلگەن ئىنكاسلاردا كورلادىكى لاگېرلاردا تۇتقۇنلار سانىنىڭ ھەدىددىن زىيادە كۆپلۈكى، شۇڭا قاماقخانا ۋە تۈرمىلەرنىڭمۇ لاگېر ئورنىدا قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
بۈگۈنكى ئېنىقلاشلار ئارقىلىق بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان 19 مىڭ كىشى ئىچىدە لاگېردىكىلەرنىڭمۇ بارلىقى دەلىللەنگەن. ئەمما، ئەمما بۇلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا لاگېردىن تولۇق قۇتۇلىدىغانلىقى ۋە ياكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا مەجبۇرى ئىشچى) قۇل ئىشچى) غا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ياكى مەكىتتە بولغاندەك ئائىلىلىكلەر لاگېرىغا يۆتكىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى