خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىدا نەشرىياتچىلىققا چەكلىمە قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلار تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنماقتا. يېقىندا ھازىر ئاۋسترالىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى بىلال نىزام يازغان «شەرقىي تۈركىستان نوپۇس جۇغراپىيەسى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىققان.
بىلال نىزام يازغان مەزكۇر كىتاب كىرىش سۆز، مۇقەددىمە ۋە 7 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ نوپۇس جۇغراپىيەسى نۇقتىسىدىن 1949-يىلىدىن كېيىنكى «شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ» تەرەققىياتى، نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە نوپۇسنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى ھەققىدە دەسلەپكى ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ. بىرىنچى بابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى، مەزكۇر زېمىننىڭ يەر شەكلى، كىلىماتى، تاغ-دەريالىرى، ئاساسلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى، مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى ۋە مىللەتلەر قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى بابتا 1949-يىلىدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش جەريانى تونۇشتۇرۇلۇپ، نوپۇسنىڭ تەبىئىي ۋە مېخانىكىلىق كۆپىيىشى جەريانى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدۇ. ئۈچىنچى بابتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مەركەزلىك ھالدا مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي نوپۇسىدىكى ئورنى، باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىنىدۇ. تۆتىنچى بابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ شەھەر ۋە يېزا قۇرۇلمىسى، ئىگىلىك قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى، ياش قۇرۇلمىسى ۋە ئەر-ئايال قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ ئانالىز قىلىنىدۇ. بەشىنچى بابتا شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى بايان قىلىنىپ، مەزكۇر رايوندا ياشاۋاتقان ئاساسلىق مىللەت نوپۇسىنىڭ ۋىلايەت ۋە شەھەرلەر بويىچە تارقىلىش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئالتىنچى بابتا خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ كۆچمەن تارىخى قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ. يەتتىنچى بابتا شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان تەبىئىي مۇھىت مەسىلىسى بايان قىلىنىدۇ.
ئاپتور كىتابنىڭ بېشىدا مەزكۇر كىتابنى «جازا لاگېرلىرى» دا تۇرۇۋاتقان مىليونلارچە ئۇيغۇرلارغا بېغىشلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ كىتاب شەرقىي تۈركىستاندىكى كوممۇنىست خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقان ۋە لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالماسلىق سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتىن ئازاب چېكىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا شۇنىڭدەك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزىگە ئۇلاپ، ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرگە بېغىشلاندى.»
ئۇيغۇر زىيالىيسى بىلال نىزام يازغان «شەرقىي تۈركىستان نوپۇس جۇغراپىيەسى» ناملىق كىتاب 229 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر كىتاب شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى باش كاتىپى جەمئىيەتشۇناس ئادىل ئەرئۇيغۇر ئەپەندى كىتابنى يېزىشتا پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
مەزكۇر كىتابنى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تارقاتماقتا. مەزكۇر ئىنستىتۇت قۇرۇلغان كۈندىن بۈگۈنگىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىش، ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىش، ياشلارنى تەربىيىلەش ۋە نەشرىيات خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە رۇقىيە تۇردۇش خانىم يازغان «ئېتنىك، ئۈلۈش، كىملىك ۋە ئۇلۇسچىلىق» ناملىق كىتابنى، «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغاندىن سىرت يەنە ماريا سكلودوۋسكا يازغان «ئۇچار ئىنستىتۇت» ناملىق كىتابنىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشر قىلدۇرغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى