ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى خىتاي كۆزەتكۈچى شاۋېن جاڭ ئۆز ماقالىسىدە قويغان كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ سۈرىتى. 2019-يىلى 2‏-ئاپرېل.

خىتاي دائىرىلىرى 2016‏-يىلىدىن باشلاپ داۋام قىلغان مەسچىت چېقىش دولقۇنىنى «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» دەپ ئاتىغان ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەل-جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ ئاتۇش سۈنتاغقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، سۈنتاغدىكى بىر كەنتتە قۇرۇلۇشى مۇستەھكەم بولغان، يەنى پىششىق خىش ۋە سېمونت تاختىلاردىن ياسالغان ئازنا مەسچىت بىلەن دەستانگام مەسچىىتىنىڭ چېقىلىپ، قۇرۇلۇشى ئاجىز بولغان، يەنى توپا تام ۋە ياغاچ-بورىلاردىن ياسالان تەرەس مەسچىتنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خىتاي داىرىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى» دەپ ئاتىغىنىدەك، 2016‏-يىلى ئېلىپ بارغان مەسچىت چېىقش دولقۇنىنى يەرلىك ئاھالىلەرگە «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» دەپ چۈشەندۈرگەن . 2016-‏يىلدىكى ئېنىقلاشلار داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاندا 70 پىرسەنت مەسچىتنىڭ چېقىلىپ بولغانلىقى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما قانداق مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ، قانداقلىرىنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقى مەلۇم بولمىغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلار داۋامىدا، بۇ يېزىنىڭ 5‏-كەنتىدىكى 3 مەسچىتتىن ئىككىسىنىڭ چېقىلغانلىقى ۋە بىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان. چېقىلغانلىرى ئازنا مەسچىت ۋە دەستانگام مەسچىت دەپ ئاتىلىدىغان مۇستەھكەم مەسچىتلەر بولۇپ، ساقلىنىپ قالغىنى قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ئاجىز بولغان تېرەس مەسچىتىدۇر. بۇ يېزىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىىچە، ئازنا مەسچىت بىلەن دەستانگام مەسچىت كۆلىمى بىرئاز زور، تارىخىي بىرئاز ئۇزۇن ۋە يېزا مەركىزىگە يېقىنراق بولغانلىقى ئۈچۈن چېقىلغان. تەرەس مەسچىتى سىغىمچانلىقى بىرئاز كىچىك ۋە بىرئاز چەت-ياقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ساقلاپ قېلىنغان. ئىلگىرى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كوپ قىسىم مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلاپ، ئاز بىر قىسىم مەسچىتلەرنى ساقلاپ قالغانلىقى، بۇنىمۇ ئىبادەت ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ساقلاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سۈنتاغدا چېقىۋېتىلگەن ئازنا مەسچىت پىششىق خىش ۋە سېمونت تاختىلار بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن؛ دەستانگام مەسچىتمۇ ئازنا مەسچىتكە ئوخشاشلا كۆلمى نىسبەتەن زور ۋە قۇرۇلۇشى مۇستەھكەم مەسچىتلەردىن ئىكەن. ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەسچىتلەرنى كۆزدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە شەكىلگىلا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يۇقىرىقى ئىككى مەسچىتنى چېقىپ تاشلاپ، توپا تام ۋە خام كېسەكتىن قۇرۇلغان، ياغاچ ۋە بورىلار يېپىلغان تەرەس مەسچىتنى ساقلاپ قالغان.

شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە باشقا ھۆججەتلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى تا ھازىرغىچە مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنى خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرماقتا. يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىشەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەر سانىنىڭ ئامېرىكادىكىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى شەرقىي تۈركىستاندا ھەر بەش يۈز كىشىگە بىردىن مەسچىت توغرا كېلىدىغانلىقىنى بازارغا سالغان ئىدى. ئەمما يەرلىك دائىرىلەر2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى قەشقەر ۋە خوتەنلەردە مەھەللىلەردىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ، بىر كەنتتە، بەزى جايلاردا بولسا بىر يېزىدا پەقەت بىرلا مەسچىتنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بولغان ئىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى