پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە بىرىنچى خانىم مېلانىيا ترامپ ئاقسارايدا «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغانلار بىلەن بىللە خەنۇككا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 2018-يىلى 6-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

«ئېلى ۋىيسەل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىي جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2018-يىلى دېكابىردا ماقۇللىنىپ، پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن بىر قانۇن. مەزكۇر قانۇنغا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى ھەم شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتچىسى ئېلى ۋىيسەلنىڭ نامى بېرىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ۋەھشىيلەرچە جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە ئۇ ھەقتە قىلىنغان خىزمەتلەر توغرىسىدا دوكلات يوللايدىغان بولۇپ، ئۇلار 7-ئاۋغۇست كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

2019-يىلى سىنتەبىردىن 2020-يىلى ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەزىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قارشى ھازىرغىچە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە شۇنداقلا ۋەھشىيلەرچە جىنايەت قاتارلىق ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرگە قەتئىي قاراپ تۇرمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان:

«ئامېرىكا كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ۋەھشىي جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى. ۋەھشىيلىكلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئاشكارا ئەيىبلىدى ۋە ۋەھشىي جىنايەتلەرنى قىلغان ۋە شۇنداق قىلىش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇردى. خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى مانا بۇ خىزمەتلىرىمىزدىكى مۇھىم نۇقتا بولدى. ئۇ يەردىكى زىيانكەشلىكلەر مەجبۇرىي ھالدا تۇغۇتنى چەكلەش ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا بالا چۈشۈرۈش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، بىر-بىرىدىن ئايرىش، جىسمانىي ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، مەجبۇرىي نىكاھ ۋە باشقا قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلار ئارقىلىق ئۇ يەردىكى خەلقلەرنى قامال قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

يۇقىرىدىكى بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن قالسا بېرما ۋە ئىراقتا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان مىللەت ۋە دىنى گۇرۇپپىلارنىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا مەركىزىي تېما بولۇشى دىققەت تارتقان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشى ئېھتىماللىققا يېقىن، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دەرۋەقە، ھازىر ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بولسۇن ۋە سىياسەتچىلەر ئارىسىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھالاتلارغا تامامەن چۈشىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش ھەققىدە چاقىرىقلار كۈچەيمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى دوكلات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى