ئۇيغۇرلار 1985-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەگە كېلىپ-كېتىپ تىجارەت قىلىشقا ۋە تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا باشلىغان. 2010-يىللاردىن كېيىن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەنىدى. بۇلاردىن بىرى 2013-يىلى تۈركىيە دۆلىتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا باكالاۋرلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ياقۇپ مەھمەتتۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەقەتلا دادا تەرەپتىن جەمئىي 30 كىشى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغان بولۇپ، ئۇ، تۈركىيەدە ھەر خىل يوللار بىلەن دەردىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.
ياقۇپ مەمەت ئەپەندى 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە كۆپ ساندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قامالغانلىقىنى، بەزىلىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ كۆپىنىڭ تېخىگىچە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭمۇ سالامەتلىكىنىڭ بەكلا ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ياقۇپ مەمەت بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭ ئىسمىم ياقۇپ مەمەت، مەن قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قۇمۇلدا ئوقۇغاندىن كېيىن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، 2013-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشقا باشلىدىم. مەن 2018-يىلى 6-ئايدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ھازىر قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىمەن.»
ياقۇپ مەمەت ئەپەندى 2017-يىلىدىن تارتىپ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ پۈتۈنلەي كېسىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭ يۇرتۇم بىلەن بولغان ئالاقەم 2017-يىلىدىن تارتىپ ئۈزۈلدى. 2017-يىلى 7-ئايدا تاغام ئەمەت ياقۇپ ۋە بىر نەۋرە ئاكام ئىسكەندەر ياقۇپ تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمەت ياقۇپ 1963-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە. دادام بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ ئائىلە شىركىتىدە مېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. بىر نەۋرە ئاكام ئىسكەندەر ياقۇپ 1972-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ ئاكامنىمۇ 2017-يىلى 8-ئايدا تۇتۇپ كەتكەن. تاغام ئەمەت ياقۇپتىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق. بىخەتەرلىك خادىملىرى بىللە چاي ئىچەيلى دەپ چاقىرغاندا ئۆيدىن چىققان پېتى ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. ئىسكەندەر ئاكام يېقىندا تارقاتقان بىر رەسىمىدە پالەچ ھالەتتە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان. چېلىشتا چېمپىيون بولغانىدى، ھازىرقى ئەھۋالى بەكلا ناچار ئىكەن.»
ياقۇپ مەمەت ئەپەندى دادىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش جەريانى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن:
«دامام مەمەت ياقۇپ 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادام 1990-يىلى سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن. كېيىن يەككە تىجارەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە مېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى دادام بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلدى. بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن دادامنىڭ گۇاڭجۇدىكى بىر شېرىكىدىن دادامنىڭ گۇاڭجۇدىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلدىم. يېقىندا دادامنىڭ ھازىر قۇمۇلدا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۇۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئالدىم.»
ئۇ، ھاممىسىنىڭ يولدىشى ياقۇپ شەرول ئەپەندىنىڭ 15 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭ ھاممامنىڭ يولدىشى ياقۇپ شەرول 1951-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇمۇل قارادۆۋە يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۆزى دېھقان. 2018-يىلى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان قىزىغا ‹بىزگە ئۇچۇر يازما ساقچىلار بىزنى ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ› دەپ ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن يوق بولۇپ كەتكەن. قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىر قانچە يىلغىچە ئۇقالمىغان ئىدۇق. يېقىندا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىك ئۇچۇرى كەلدى.»
ئۇ بۈگۈنكى تېلېفون زىيارىتىدە بىرنەۋرە ئاكىسىنىڭ ئايالى رەيھانگۈلنىڭمۇ ئون يىللىقتىن كۆپرەك كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن:
«نەۋرە ئاكامنىڭ ئايالى رەيھانگۈلنىڭ ئىككى كىچىك بالىسى بار. 1993-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇمۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسىدا تۇغۇلغان. يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەن ياقۇپ شەرول ئەپەندىنىڭ كېلىنى بولىدۇ. 2017-يىلى بىزنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلارنى بىر كېچىدە كېلىن ۋە قىزلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ھازىرغىچە بەزىلەرنى قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى، لېكىن رەيھانگۈلدىن خەۋەر يوق ئىدى. يېقىندا رەيھانگۈلنى 10 يىللىقتىن ئارتۇق كېسىۋېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئۇقتۇق. رەيھانگۈلنىڭ كىچىك بالىلىرىنى چوڭ ئانىسى بېقىۋېتىپتۇ.»
ياقۇپ مەمەت ئەپەندى 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە پەقەتلا دادا تەرەپتىن 20-30 كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە دادام تەرەپتىن 20-30 كىشى ئوخشىمايدىغان ۋاقىتلاردا ئوخشىمايدىغان سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قويۇپ بېرىلگەنلەرمۇ بولدى. لېكىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىچىدە كۆپىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق. مەسىلەن ئىسكەندەر ئاكام پالەچ بولۇپ قاپتۇ. رەسىملەردە ھەممىسىنىڭ بەكلا ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق.»
ياقۇپ مەمەت ئەپەندى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئوخشىمايدىغان مۇددەت بىلەن قاماق جازاسى بېرىلىشى ۋە بىر قىسىملىرىنىڭ تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرى ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ تىجارەت قىلىشى، بالا-چاقىلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇشى ۋە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان تۇغقانلىرىغا ياردەم قىلىشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
ھازىر ۋەتىنىدە ئاتا-ئانىلىرى قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ياكى ئىز-دېرىكى يوق 45 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش ئىستانبۇلدا «ئاتا-ئانىمىز نەدە؟ تۈركىيەدە بالىسىنى ئوقۇتۇش جىنايەتمۇ؟، خىتاي ئاتا-ئانىمىزنى قويۇپ بەرسۇن!» دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنىڭ كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى