ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 7-ئىيۇل كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ خىتاينىڭ «تېڭشۈن» ۋە «زىجيې تياۋدوڭ» شىركەتلىرى بىلەن سودا ئالاقىسىدە بولۇشىنى چەكلىدى.
پرېزىدېنت ترامپ مەمۇرىي بۇيرۇقىدا خىتاينىڭ ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمتالى تىكتوك بىلەن ئۈندىدارنىڭ ئىگىسى بولغان «زىجيې تياۋدوڭ» ۋە «تېڭشۈن» شىركەتلىرىگە 45 كۈن مۆھلەت بېرىپ، ئامېرىكادا بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان سودىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پرېزىدېنت ترامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىدا تەكىتلىشىچە، ئۈندىدار بىلەن تىكتوك ئامېرىكالىق ئابۇنتلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى بۇ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ئىكەن.
پرېزىدېنت ترامپ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ ئىككى شىركەتكە قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۈندىدار بىلەن تىكتوك، بولۇپمۇ ئۈندىدار ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۈندىدار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشى، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىكەن.
پرېزىدېنت ترامپ مەمۇرىي بۇيرۇقىدا ئۈندىدار ئابۇنتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاپتوماتىك توپلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشىشىگە يول قويۇپ كەلگەنلىكى، ئامېرىكانى زىيارەت قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنى نازارەت قىلىدىغانلىقى، تىكتوكنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشقا ئىشلىتىلىپ، بۇنىڭدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پايدىغا ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكانىڭ «كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى زۆرۈر» بىر ئەھۋالغا كەلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى