ئامېرىكا چېگرا دائىرىلىرى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن 4000 دىن ئارتۇق تىز كومپيۇتېرىنى (Laptop) شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ تۇتۇپ قالغان.

ئامېرىكانىڭ «ABC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ ئالاباما شتاتىدىكى مەكتەپلەر ئۈچۈن زاكاز قىلىنغان بۇ تىز كومپيۇتېرىغا قۇراشتۇرۇلغان پارچىلار خىتاينىڭ «خېفېي بىتلاند ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ دەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىشىغا چېتىشلىق دەپ جازالانغان خىتاي شىركىتى ۋە مۇئەسسەسىلەرنىڭ بىرى.

مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئالان كوسبىنىڭ ABC خەۋەرلىرىگە ئېيتىشىچە، ئالاباما شتاتىنىڭ ئېتوۋا رايونىدىكى مەكتەپلەر بۇ يىل كۈز پەسىللىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تېخنىكىلىق ياردەمنى ئۈستىگە ئالغان «Trinity3 Technology» شىركىتى ئارقىلىق بۇ تىز كومپيۇتېرلىرىنى سېتىۋالغان. ئامېرىكا چېگرا دائىرىلىرى مەكتەپ دائىرىلىرىگە بۇ كومپيۇتېرلارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۇلار زاكازنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقا شىركەت ئارقىلىق يېڭى بىر تۈركۈم كومپيۇتېرلارنى زاكاز قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلۇش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئۆكتەبىردە ۋە بۇ يىل 7-ئايدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 28 ۋە 11 خىتاي شىركەت ۋە مۇئەسسەسىنى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە ئالغان ۋە ھەرقانداق ئامېرىكا شىركىتى ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىشىنى چەكلىگەنىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى