خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى بىۋاسىتە مەركەزگە قارايدىغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4 مىليون 600 مىڭ نوپۇسى بار قەشقەر ۋىلايىتىنى خىتاينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئوخشاش مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ئايلاندۇرۇش ھەققىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بىر تەكلىپ سۇنۇلغان. مەزكۇر تەكلىپ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇغراپىيە پ ۋە تەبىئىي بايلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرىنىڭ «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» گە ئاشكارىلىشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى خىتاي رەھبەرلىرى خىتايدىكى ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە بۇ ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭشەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ھۆكۈمەتكە سۇنۇشقا باشلىغان. قەشقەرنى بىۋاسىتە مەركەزگە قارايدىغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇش تەكلىپى شۇلار ئىچىدىكى بىر تەكلىپ بولۇپ، ئۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 4-دەرىجىلىك رەھبىرى، يەنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار يەنە بىرىنىڭ بۇ گېزىتكە دېيىشىچە، بۇ تەكلىپ ھازىر خىتاينىڭ ئىلمىي ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىمۇ مۇنازىرە قوزغىماقتىكەن. بىر قىسىملار بۇنىڭ قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر قىسىملار قەشقەردىن ئىبارەت بىڭتۇەننىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئورۇننى مەركەزگە باغلاشنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە كۆپ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتىكەن.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان تارىخىي شەھەر قەشقەرنى بىۋاسىتە خىتاي مەركىزىگە قاراشلىق شەھەرگە ئايلاندۇرۇشنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا پىلانلىغان يەنە بىر سۇيىقەستى، دەپ باھالىماقتا. ئۇلار بۇ تەكلىپنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ«ئاپتونومىيە» سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەكلىپ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىنكەن.

 

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى