بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۇنىڭ خىتاي ئېرىنىڭ توي خېتىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى.

يېقىندا ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا مىللەتلەر ئارا توي قىلىش چاقىرىق قىلىنغان بىر بىر ئۇيغۇرچە ئېلان تارقالدى. بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئائىت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان بۇ ئېلاندا 100 نەپەر كېلىنگە ئېھتىياجى بارلىقى بايان قىلىنغان. بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بىر خىتاي ئەركەكنىڭ توي مۇراسىمى كۆرسىتىلگەن بۇ ئېلان، كەسپىي سەۋىيەدىكى بىر دىكتور تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خادىمى 100 كېلىن پىلانىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ياتىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر ئېلاننىڭ قەشقەر تەۋەلىكىدە چىقىرىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.

مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان ۋە 100 نەپەر كېلىنگە ئېھتىياجى بارلىقى بايان قىلىنغان مەزكۇر ئېلان مەخسۇس كەسپىي سەۋىيەدىكى بىر دىكتور تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. ئېلاندا بۇ ئۇچۇرنى قولۇم-قوشنىلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئاشكارا تەشەببۇس قىلىنغان. ئەمما ئېلاننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قايسى ئورگىنى ۋە قايسى بىر شىركەتكە تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. توردىكى ئىنكاسلاردا مەزكۇر ئېلاندا قالدۇرۇلغان تېلېفون نومۇرىنىڭ قەشقەرگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا زورلاش شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ قېتىملاپ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان؛ بۇلاردىن قۇمۇلدا يۈز بەرگەن 1931-يىلىدىكى شوپۇل ۋەقەسى 1930‏-يىللاردا يارتىلىغان شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا قوزغاتقۇچ ۋەقەلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقى تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى