53 ياشلىق بۇمەريەم خانىم قەشقەر توققۇزاقتىن بولۇپ، 2003-يىلىنىڭ ئاخىرى 2004-يىلنىڭ باشلىرى 4-بالىسىغا ئېغىر ئاياغ بولۇپ قالغىنىدا قانچە يوشۇرۇپمۇ، پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرىنىڭ نەزىرىدىن قۇتۇلالمىغان. ئۇلارنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرى سەۋەبلىك، 5 ئايدىن ئاشقان ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.
يېزا كادىرلىرى ۋە پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرى بىرلىكتە ئۇنى قەشقەر شەھەرلىك «ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسى» دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئورۇنغا ئاپىرىپ، كىندىكىگە ئوكۇل ئۇرۇپ سۈنئىي ئۇسۇلدا بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ھەمدە دوختۇرخانىغا 200 يۈەن تۆلەتكەن.
بۇمەريەم خانىم بۇ ئېچىنىشلىق كۈننىڭ ئۆزىدە، باشقا يېزا، ناھىيەلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن، 7-8 ئايلىقئېغىر ئاياغ ھەتتا تۇغۇشقا بىر قانچە كۈنىلا قالغان ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن بىر ياتاقتا ياتقانلىقىنى ئەسلەپ، «ئۇلارنىڭ ھالى مەندىنمۇ يامان ئىدى، ئۆزۈمنىڭ تارتقانلىرى بىر ياقتا قېلىپ، بالىسى تولۇق ۋاقتى توشۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈپ قولىغا بەرگەنلەرگە قاراپ چىدىماي يىغلاپ كەتتىم. . .» دەيدۇ.
ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ تراگېدىيە ئۆمۈرلۈك ۋىجدان ئازابىدىن باشقا ئۇنى نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلغان.
تۇغۇت دوختۇرى: دوختۇرخانىلاردا پىلاندىن سىرت بالىلارنى تىرىك قويماسلىق بۇيرۇقى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ
ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي شىپاخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى ۋە باشقا دوختۇرخانىلاردا 15 يىل خىزمەت قىلغان تۇغۇت دوختۇرى خاسىيەت ئابدۇللا خانىمنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەتتا تىرىك تۇغۇلغان ھالەتتىمۇ ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
خاسىيەت خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ھەر قانداق دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانىغا كۆرۈنگىلى كەلگەن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارخىپلىرىنى باشقۇرىدۇ ۋە پىلاندىن سىرت ياكى بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىن قىسقا ۋاقىتتا ھامىلىدار بولغانلىرى بولسا، پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانا خادىملىرى ئوپېراتسىيە ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇ ئايالنىڭ ھامىلىسى قانچە چوڭ بولۇپ كەتكەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، كېيىن دەرھال ئۈزۈك سېلىشتەك بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدۇرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشتا، شەھەر نوپۇسىغا 2، يېزا نوپۇسىغا 3 بالىدىن ئارتۇق ھامىلە بولغانلار ۋە ھەر بىر بالىسىنىڭ ئارىلىقى 3 يىلغا توشمىغانلارنىڭ ھەممىسى بىردەك پىلاندىن سىرت دېگەن سىياسەت بويىچە مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان.
ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاساسىي قاتلام پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان مېخانىزم ئورنىتىلغان. ئاساسىي قاتلامدا ھەر بىر يېزا، كەنتلەرگىچە، شەھەرلەردە ھەر بىر ئولتۇراق رايون ھەتتا ھەر بىر بىنانىڭ پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى بېكىتىلگەن، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللارنى نازارەت قىلىش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئۆزىدىن يۇقۇرى پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىغا دوكلات قىلىدىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى سوفېي رىچاردسون خانىم مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قەبىھ جىنايىتىنى توختىتىشتا جازا يۈرگۈزۈشتىن باشقا تاللاش قالمىدى. ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتى ۋە يۇقىرىقىدەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ بارغانچە غالجىرلىشىپ كىشىنى چۈچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. »
خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق خىتاي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن سوفېي خانىم، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈشتەك بۇ خىل رەھىمسىز سىياسەتنى توختىتىشتا جازالاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇش ۋە كۆپىيىشىنى چەكلەپ بالا چۈشۈرۈشنى مەجبۇرىي يولغا قويغانلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، مىليونلاپ ئۇيغۇرلارنى قامىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىمۇ ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭدا ھەممە ئادەم بەختلىك ياشاۋاتىدۇ دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ دەل ئۆزى شۇ. ئەگەر ئۇلار ئېيتقاندەك ئۇ جايدا مەسىلە بولمىسا، نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بەرمەيدۇ؟ يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىق ۋە تەۋسىيەلەرگە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئەلچىلىرىنىڭ يېقىنقى جاۋابىمۇ ئوخشاش ئىنكار قىلىش بولدى. دېمەك ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ پاجىئەنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كادىر ۋە دوختۇرلارغىچە ماگنىتسكي قانۇنى بىلەن جازالاشتىن باشقا تاللاش قويمىدى دەپ قارايمەن».
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى