ئاشكارىلىنىشىچە، مەكىتتە لاگېردىن چىققانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئائىلىلىكلەر لاگېرى يەنى «14-ئاھالىلەر رايونى» مەكىت بازار ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈركۈم زاۋۇت كارخانىلار بار ئىكەن. ئائىلىلىكلەر لاگېرىغا سولانغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ لاگېرنىڭ ئىچىدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىسە؛ يەنە بىر قىسمى لاگېر سىرتىدىكى، يەنى مەكىت بازارىدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن. ئەمما ئۇلار سىرتتا ئىشلىگەن ۋاقتىدا ئىشقا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمەسلىكى ۋە لاگېر ئىچىدىكى ئىشلارنى سىرتقا دېمەسلىكى شەرت قىلىنغانىكەن.
ئېنىقلاشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەكىت ناھىيىسىدە پارتىيە مەكتەپ تەربىيىلەش مەركىزى، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىلەش مەركىزى، تۈمەنتال تەربىيىلەش مەركىزى ۋە كونا كادىرلار ئىدارىسى تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق ئاز دېگەندە 5 ئورۇندا لاگېر بار بولۇپ، بۇ لاگېرلارنىڭ نۆۋەتتە سان جەھەتتىن يىغىنچاقلانغانلىقى ياكى كۆپەيگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. 14-ئاھالىلەر رايونى نامىدا بۇلتۇر 4-ئايدا تەسىس قىلىنغان «ئائىلىلىكلەر لاگېرى ( لاگېردىن چىققانلار لاگېرى) ناھىيە بازىرى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، كونا كادىرلار ئىدارىسى تەربىيىلەش مەركىزى جايلاشقان «كەيفاچۈ» دىن (ئېچىۋېتىلگەن رايوندىن) ئىككى-ئۈچ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئىكەن. مەزكۇر ئائىلىلىكلەر لاگېرىنى مەكىت بازىرىنىڭ نەنباغ دېگەن يېرىگە جايلاشقانلىقىنى بايان قىلغان ئالاقىدار خادىم، بۇ لاگېرغا توپلانغانلار ئارىسىدا ئۆيلەنگەنلەردىن باشقا ئۆيلەنمىگەنلەرنىڭمۇ بارلىقى، ئەمما ھەممىسىنىڭلا مەكىتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، 14-ئاھالىلەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى 2015-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپتىلا لاگېر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە ياكى 2019-يىلى خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى بىلەن لاگېر مەسىلىسىنى جىمىقتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، ئېھتىياج سەۋەبىدىن لاگېرغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئالاقىدار خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن لاگېر ئىچىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ لاگېرغا سولانغالارغا نىسبەتەن يېتەرسىز ئىكەنلىكى؛ شۇڭا لاگېردىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ لاگېر سىرتىدا ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا يول قويۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ 14-ئاھالىلەر رايونىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلارغا سىرتقا چىققاندا، ئىش سىرتىدىكى ھېچقانداق كىشى بىلەن كۆرۈشمەسلىك؛ ئىش ئورنىدىكى كىشىلەرگە لاگېر ئىچىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ھېچ نەرسە دېمەسلىك شەرت قىلىنغان.
ئالاقىدار خادىملار، بۇ لاگېر ئىچىدىمۇ نورمال لاگېرلاردا داۋام قىلىدىغان سىياسىي ئۆگىنىش، مەسىلە تاپشۇرۇش، ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، دۆلەت تىلى ئۆگىنىش قاتارلىق قىيىن-قسىتاق ماھىيىتىدىكى مەشغۇلاتنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تۈمەنتالدىكى كەنت كادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، لاگېر ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن ۋە شەرتلىك بولغىنىدەك، كەنت كادىرلىرىنىڭ لاگېرغا كىرىپ ئۆز ئەزالىرىنى يوقلىشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلىنىدىكەن؛ پەقەت جىددىي بىر ئېھتىياج تۇغۇلغاندا، سانى 3 تىن ئېشىپ كەتمىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ لاگېرغا يەنى 14-ئاھالىلەر رايونىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى بۇ ئائىلىلىكلەر لاگېرىدا 7 مىڭچە كىشى بارلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى؛ ئالاقىدار خادىم ئۆزى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن تۇتقۇن ئىسمائىل داۋۇتنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، بۇ بۇ لاگېردا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بارلىقىنى بايان قىلغان ۋە لاگېر ئىچىدە قۇرۇلۇشلارنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خادىملارنىڭ يەنە بايانلىرىدىن، بۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ باشقىلارغا نىسبەتەن ئاتالمىش جىنايىتىنىڭ نىسبەتەن يەڭگىل دەپ قارالغانلار ئىكەنلىكى مەلۇم. تۇتقۇن ئىسمائىل داۋۇتمۇ، قول تېلېفوندىن مەسىلە چىقىپ بۇ لاگېرغا ئەكىلىنگەن.
مۇخبىرنىڭ تېلىفونىنى قوبۇل قىلغان مەكىتنىڭ شېھىتدۆڭ يېزىسىدىكى خادىملار ئۆز تەۋەلىكىدىنمۇ بۇ ئائىلىلىكلەر لاگېرىغا ئەكىتىلگەنلەر بارلىقىنى دەلىللىگەن. بۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار مەسئۇل كەنتتىن ئەكىتىلگەنلەر ئاساسەن دېگۈدەك ئاتالمىش قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملار تىڭشىغان ياكى كۆرگەنلەر ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى