JAZA LAGIRIجازا لاگىرى - YouTube

شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە كېيىنچە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىشى غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق ۋە قوللاشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

4-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بولغان «ئالغا» گېزىتى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ لاگېر قۇرۇپ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىغا نەقەدەر ئوخشايدىغان پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە سىستېمىلىق چۈشەنچە بېرىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى كەسكىن تەنقىدلىگەن.

ماقالىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانى قىزغىن ئالقىشلىنىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكى، تارىخ ئاللىقاچان تۈكۈرۈپ تاشلىۋەتكەن قەبىھ ۋاسىتىلەرنى يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى