ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو(ئوڭدا) ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب ئەپەندىلەر لوندوندىكى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىدىكى پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 21-ئىيۇل، ئەنگلىيە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە كىشىنى لاگېرلارغا قامىغاندىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنى چەكلەش، تۇغماس قىلىش ۋە ئۇلارنى قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارالىق جامائەتكە كەڭ تونۇشلۇق بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى ماقۇللىشى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭشەرقىي تۈركىستاندىكى چېن چۇەنگو، جۇ خەيلۇن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىشى ئۇيغۇر داۋاسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «21-ئەسىرگە چۈشكەن داغ» دەپ ئاتىغان زۇلۇمنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ بۇ يولدا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك راب خىتاينى «1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئەپ بېرىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ئىدى. مانا بۇ يۈزلىنىش خىتاينى جىددىيلەشتۈرگەن بولسا كېرەك، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى 31-ئىيۇل كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەخسۇسشەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ۋە ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇلار ئىسپاتلاپ چىققان پاكىتلارنىڭ ھەممىنى رەت قىلغان.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رەخىمە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەلچى ليۇ شاۋمىڭنىڭ بۇ تەشۋىقاتنى تەكرارلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. چۈنكى، ليۇ شاۋمىڭ يېقىندا ب ب س نىڭ داڭلىق مۇخبىرى ئاندرۋ ماررنىڭ پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتە قاتتىق قىينىلىپ مات بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيەدىكى ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاپ، مۇھىم تېمىغا ئايلانغان بولغاچقا خىتاي ئەلچى چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىنكەن.

يېقىندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ۋە شۇنداقلا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى»، «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى» ھەم شۇنداقلا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزگە قاراتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «بىرىنچىدىن، بىز ئەگەر بۇرۇننى ئەسلىسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى كەم دېگەندىمۇ بىر يىل شىنجاڭدا زور كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن ئەپ بارغانلىقىنى يوشۇرغان بىر ھاكىمىيەت ئىدى. ئۇ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن ‹بىز پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنى كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەۋاتىمىز، › دېگەن ئىدى. شۇڭا مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ باشقىلارغا بەرگەن باھاسىنىڭ قىممىتى يوق، دەپ قارايمەن. ئىككىنچىدىن، ئەگەر خىتاي ئەلچى ليۇشاۋمىڭ ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى پاكىتلىرىنى خاتا دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ توغرا پاكىتلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن مۇخبىرلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ، ئاكادېمىكلارنىڭ دەخلى-تەرۇزسىز ھالدا رايوننى زىيارەت قىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلار بىلەن قورقماي تۇرۇپ سۆزلىشىشىگە يول قويۇش خىتاينىڭ ئۆزىگە پايدىلىق.»

سوفى رىچاردسون خانىم يەنە ھەرقانداق دۆلەتنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە ئۇنىڭ كومىتېتلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قول قويغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ بۇ ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەلۇم دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى نازارەت قىلىش ۋە زۆرۈر تېپىلسا تەدبىر قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. مانا بۇ بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى. ئۇنىڭغا ئەزا ھەرقانداق دۆلەت بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا ھەرقانداق دۆلەت قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس ۋە ئۇ تەدبىرلەردىن مۇستەسنا ئەمەس» دېگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى