شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 4-ئاۋغۇست كۈنى 600 دىن ئاشقان. يالغۇز 3-ئاۋغۇست كۈنىدىلا يېڭىدىن 28 يۇقۇمدار بايقالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن. ئەمما ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى ئاھالىنىڭ ئۈندىدار ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈلشەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق بولغان قامال قىلىش تەدبىرلىرى ئىزچىل داۋام قىلماقتىكەن.

بىر قىسىم كىشىلەر ھەمبەھىرلىرىگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئاھالىلەر كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ «ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ‍ئۆيلىرىدىن چىققانلارنىڭ پاچىقىنى چېقىۋېتىمىز» دەپ توۋلاشلىرى ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى قامال تەدبىرلىرىنىڭ ئاللىقاچان ۋۇخەن شەھرىدىكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتىكەن. يەنە بىر قىسىم سىن كۆرۈنۈشلىرىدە بولسا ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەش-ئالتە، ھەتتا ئون ھەسسىلەپ باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشىك يوچۇقىدىن ئېلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە «يۇقۇم ئەھۋالى بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتىدۇ» دەۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلماقتىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى