تۈركىيەدىن قايتۇرۇلغان ۋە قاماقتا تۈگەپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن زىننەتگۈلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ 9 ئايدىن بېرى لاگېردا ئىكەنلىكى، ئىنىسىنىڭ بولسا لاگېردا ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇۋېتىلگەنلىكى، ئەمما ئائىلىسىدە قارايدىغان كىشى قالمىغاچقا بېقىشسىز قالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
تۈركىيەدىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان زىننەتگۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەدىسى گۈلجەننەت سىڭلىسى ھەققىدە قورقۇنچلۇق ئۇچۇر ئالغاندىن كېيىن، ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە ئايدىن بېرى ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئاپىسى روشەنگۈل ياسىنغا تېلېفون قىلغان؛ ئەمما ھەپتىلەرچە قىلغان تېلېفونى باغلانمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ زىننەتگۈل ھەققىدە ئالغان ئۇچۇردا ئىككى بالىسىغا ئانىسى روشەنگۈلنىڭ قاراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ئەھۋالىدىن بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى يېزىدىكى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئىككى كەنت كادىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق زىننەتگۈلنىڭ ئانىسى روشەنگۈل ياسىننىڭمۇ 9 ئايدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ئەمما كەنت خادىملىرى روشەنگۈلنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغالىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمىگەن. مۇخبىرنىڭ تېلفونىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم، روشەنگۈلنىڭ تۇتۇلۇشىدا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى تۈركىيە سەپىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىشارەتلىگەن.
گۈلجەننەتمۇ زىيارەت داۋامىدا ئاپىسىنىڭ2015- ۋە 2016-يىللىرى قانۇنىي يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ ئۆزى ۋە سىڭلىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان. گۈلجەننەتنىڭ دېيىشىچە، روشەنگۈل ياسىن شۇ چاغدا ئىككى قىزى بىلەن بىر مەھەل تۈركىيەدە ياشاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، يۇرتىدا قېپقالغان ئوغلى ئىبراھىمدىن ئەندىشە قىلىپ يۇرتىغا قايتقان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، روشەنگۈلنىڭ تۈركىيە سەپىرى يەرلىك دائىرىلەرگە سىر ئەمەس؛ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقان2017- ۋە 2018-يىللىرى تۇتۇلماي 2019-يىلى، يەنى زىننەتگۈل تۈركىيەدىن قايتۇرۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىشى گۈلجەننەتنى ئويغا سالماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە سىڭلىسى زىننەتگۈلنىڭ قاماقخانىدا ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى ۋە سوراق جەريانىدا ئانىسىنىڭ تۈركىيە سەپىرى ھەققىدە ئاتالمىش بىر جىنايەتكە ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلماقتا.
زىننەتگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلاشلار داۋامىدا زىننەتگۈلنىڭ ئىنىسى ئىبراھىمنىڭمۇ ئىككى يىل بۇرۇن تۇتۇپ كېتىلىپ، لاگېردىن ئېغىر كېسەل ھالەتتە ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما ئائىلىسىدە ئادەم قالمىغاچقا، ئۇنىڭ كېسەل ھالەتتە بېقىشسىز قالغانلىقى ئاشكارىلانغان. دېمەك، نۆۋەتتە ئىز-دېرىكى مەلۇم بولمايۋاتقان زىننەتگۈلنىڭ سۈيدۇڭدىكى ئائىلىسىدىن ئانىسى روشەنگۈل ياسىن قاماقتا، ئىككى بالىسى چوڭ ئاپىسىنىڭ قولىدا بېقىشتا، لاگېردىن كېسەل چىققان ئىنىسى ئىبراھىم ئۆيىدە بېقىشسىز ھالەتتە يېتىقتا. نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان گۈلجەننەت ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان سىڭلىسى، قاماقتىكى ئانىسىنىڭ غېىمىدىن باشقا يەنە لاگېردىن كېسەل چىققان ئىنىسىنىڭ سالامەتلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى