ESPN نىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى NBA نىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا جايلاردىكى مەشىق بازىلىرىدا خىزمەت قىلغان ئامېرىكالىق تېرىنېرلار مەشىق بازىسىدا تەربىيەلىنىۋاتقان ياش توپچىلارنى يەرلىك تېرىنېرلارنىڭ قاتتىق خورلايدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
خەەۋەردە ئېيتىلىشىچە، NBA نىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مەشىق بازىسىدا ئىشلىگەن بىر قانچىلىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئامېرىكالىق تېرىنېرلار ESPN تېلېۋىزىيىسىگە ئۇ يەردىكى خىتاي تىرېنېرلارنىڭ ياش توپچىلارنى ئۇرۇدىغانلىقىنى، ئۇلارغا مۇۋاپىق دەرسمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بالىلارغا مائارىپ تەربىيەسى بېرىلمەسلىكى ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بىر قىسىم تېرىنېرلارنىڭ توختامدىن بۇرۇن ئىشىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياش توپچىلار ئۇچراۋاتقان بۇ مۇئامىلىگە قاراپ تۇرالمىغانلىقىنى ئېيتقان.
شەرقىي تۈركىستاندا خىزمەت قىلغان ئامېرىكالىق تېرىنېرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ 10 ئاي ئىچىدە ساقچىلارنىڭ تەھدىتى ۋە تەقىبىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەتتا چەتئەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىجارىگە ئېلىشنىڭمۇ قېيىنغا توختىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. تېرىنېرلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئۈچ قېتىم توختىتىپ سوراققا تارتىلغانلىقىنى، بىر قېتىم بىر نەچچە سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستننىڭ ۋەزىيىتىنى «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە» دەپ تەسۋىرلىگەن.
مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور غۇلغۇلا قوزغىغان. NBA نىڭ خەلقئارادىكى ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان مۇئاۋىن باشلىقى مارك تاتۇم بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچى ياش توپچىلارنىڭ خورلانغانلىقى توغرىسىدا «ئەرز-شىكايەت» لەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە دەرھال بۇ ئەھۋالنى خىتاي دائىرىلىرىگە خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ NBA تېرىنېرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈلۈشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا ئائىت ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بولمىغانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەنتەربىيە كومىتېتى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۆزىنىڭ ESPN خەۋىرىدە چىققان بۇ ئىشلارنى دىپلوماتىك مەسىلە، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كۇلۇبى NBA نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزى 2016-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى 3 مەشىق مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى مەشىق مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكالىق بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. يېقىندا NBA شەرقىي تۈركىستاندىكى مەشىق بازىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى