ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى | رابىيە قادىر ...

گەرچە 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز لاگىر ۋە تۈرمىلەردە تېخىچە كويزا-كىشەنلىك ھالەتتە تۇرىۋاتقان بولسىىمۇ , گەرچە بىر مىليوندىن ئارتۇق يۈرەك پارىمىز خىتاينىڭ ئاتالمىش پەرىشتىلەر مەكتىپى نامىدىكى دارىلتاملاردا ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالدۇرىۋاتقان بولسىمۇ، گەرچە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە ئانا ۋەتەن ھەسرىتىدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، قۇربان ھېيتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن! چۈنكى بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتىمىز، دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە بالايى – ئاپەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ تونۇشىنى ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە يېتىپ كەلدى. بۇ قۇربان ھېيت دۇنيادا تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن لايىەھەسىنى ماقۇللاپ،  ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ يولىنى ھازىرلاۋاتقان بىر مەزگىلدە يېتىپ كەلدى. بۇ قۇربان ھېيت  خىتاي پرېزدېنتى شى جىنپىڭ دېگەندەك، « خىتاي ئالدىنى توسقىلى بولمايدىغان بىر كۈچ » ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىشقا باشلىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. مانا بۇ « سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن » ئىكەنلىنىڭ بىر ئىشارىتى. مانا بۇ زالىمغا قارشى، ئادالەتسىزلىككە قارشى ئىزچىل ۋە قەتئىي كۈرەشنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن مۇپاكاتسىز قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سىگنالى. خىتاي بىزنى مانا مۇشۇ سىگناللاردىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ كويىدا. خىتاي لاگىرلار ئارقىلىق بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارغا« سەن بىر كۈنمۇ بېشىڭنى تىك تۇتماسلىقىڭ كېرەك. بىر مىنۇتمۇ قاقاھلاپ كۈلمەسلىكىڭ كېرەك!» دەۋاتىدۇ. ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى ئاسارەتكە چۈشكەندىن بۇيان خىتاينىڭ بۇيرۇق ۋە چاقىرىقلىرىغا بويۇن ئەگمەي كەلدى. خىتاينىڭ لاگىر ئارقىلىق بېرىۋاتقان بۇ بۇيرۇقىغىمۇ بويۇن ئەگمەيدۇ. شۇڭا بىز بۇ بايرامنى تەبرىكلەيمىز! بۇ بايرامدا تىك ياشايمىز! خىتايغا قارشى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ جىددىي ھەركەتلەرگە ئۆتۈش ئۈچۈن ئېنىرگىيە توپلايمىز! ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر