گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت گۇرۇھى بولغان Siemensنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
27-ئىيۇل مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» بىلەن مەركىزى گۆتتىنگېن شەھىرىدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت گۇرۇھى بولغان Siemens شىركىتىنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Siemens سانائەت گورۇھىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ھەمكارلىقى دائىرىسىدە «خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيەسى شىركىتى» بىلەنمۇ ئالاقىسى بولۇپ، Siemens بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەملىشىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ شىركەتنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.
نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىدىكى Siemens شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جويە كايسەرنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى ئاستىغا يېزىلغان «سودىدا ۋىجدان يوقمۇ، كايسەر ئەپەندى؟» دېگەن ئىبارىلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. گېرمانىيەدىكى چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان SDF، يەنى «جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى» قانىلى نەق مەيداندىن نامايىش خەۋىرىنى تارقىتىپ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان. بۇ خەۋەر 27-ئىيۇل تېلېۋىزوردا تەكرار-تەكرار كۆرسىتىلگەن.
SDF قانىلى مەزكۇر نامايىش توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە «2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قايتا تەربىيىلەش مەركىزىگە قامىلىپ تۇرماقتا» دېگەن جۈملىنى ئىشلەتكەن خەۋەردە سىم توسۇقلار بىلەن ئورالغان جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە نوپۇس قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، Siemens كە ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى نەزەرگە ئالمايۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بېسىملىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى ياكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقىلاردا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىشلارنى قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. فىلىمدا يەنە كۆزلىرى تېڭىلغان، قوللىرى باغلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك ئۈچۈن خىتايغا يۆتكىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن سودا ھەمكارلىقىدا بولۇۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرى ئاز ئەمەسكەن. ئۇ سۆزىدە، بۇندىن كېيىن بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا قارشى پائالىيەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان.