ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە فىرانسىيىدە خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللاش چاقىرىقى ئاشكارا پىكىر ئېقىمىغا ئايلاندى. فىرانسىيە «ئازادلىق گېزىتى»، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملاشماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى؛ 30 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرونغا ئىمزالىق خەت يوللاپ، خەلقئارا سوتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدىن لاگېرلىرىنى تاقاشنى ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى رايونغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. يېڭى سول قانات سىياسىي گۇرۇھنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش چاقىرىقىدىكى باشلامچى پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئائۇرېلىيېن تاچې ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا ئېلىپ بارغۇسى ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى قانداق مۆلچەرلەش توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا 27-ئىيۇل تەپسىلىي يازما جاۋاب قايتۇرغان.
مۇخبىر: فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قورقۇنچلۇق مۇئامىلىسىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سىزنىڭچە فىرانسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئائۇرېلىيېن تاچې: مەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا يازغان خېتىمدە ئېيتقىنىمدەك بۇ خەتكە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە ۋە تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 30 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويدى.
پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ھۆرمەت قىلىش ۋە بىز ۋەكىللىك قىلىدىغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قىممەت قارىشى، تۈپ پرىنسىپلىرىمىزنى فىرانسىيە ۋە چېگرامىزنىڭ سىرتىدىمۇ قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى. بۇ ئاساسىي ھوقۇق، ئاساسىي ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە قارىتا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھۇجۇمدۇر. كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇساپىرلار ۋە گۇۋاھچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرى نوپۇس كونترول قىلىش، مەجبۇرى ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقلىرى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى بار. بىز بۇنى كۆرمەسكە سالالمايمىز ۋە بىز بۇنى بىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تونۇيمىز.
شۇڭلاشقا، مەن سايلانغان سىياسىي ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن تەسىر كۈچۈمدىن پايدىلىنىپ، ئادالەتنى قوللاشنى ئويلايمەن. خىتاي ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادا جازاغا تارتىلىشى كېرەك.
مۇخبىر: نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىغا ( كېلىۋاتقانلىقىغا) ئىشىنىدۇ. سىزنىڭچە، ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن فىرانسىيە پارلامېنتىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوخشاش قانۇن چىقىرىشى كېرەكمۇ؟
پارلامېنت ئەزاسى ئائۇرېلىيېن تاچې: فىرانسىيە پارلامېنتىدا قانۇن ماقۇللاش كۈچلۈك سىمۋول خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، قانۇن چىقىرىش جەريانى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن خەلقئارا مەنپەئەتنى دەڭسەپ بېقىش ئۈچۈن چېگرا ھالقىغان ئۇسۇلنى بەرپا قىلىش، ياۋروپا مېخانىزمى ئارقىلىق، بولۇپمۇ خىتاينى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا ئەيىبلەش تەرەپدارى.
مۇخبىر: فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك جازالاش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟
پارلامېنت ئەزاسى ئائۇرېلىيېن تاچې: مەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەزاسى ياكى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلمىغاچقا، ئۇلارنىڭ قانداق ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىغا باھا بېرەلمەيمەن. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مېنىڭ خېتىمنىڭ مەقسىتى ۋە كۈتىدىغىنىم فىرانسىيە پرېزىدېنتى ھەم ھۆكۈمىتى چوقۇم فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك! . بۇ نۇقتىدىن مەن پرېزىدېنتقا خىتاب قىلدىم. ئەڭ مۇھىمى كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭدا يەنىمۇ ئېغىر ۋەھشىيلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى توختىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.
مۇخبىر: فىرانسىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە، مەسىلەن مەجبۇرى ياكى قۇللۇق ئەمگەكتە رول ئوينىغان خىتاي ۋە فىرانسىيە شىركەتلىرىگە جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئېھتىماللىقى بارمۇ ؟
پارلامېنت ئەزاسى ئائۇرېلىيېن تاچې: مەن يەنە تەكىتلەيمەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا قارشى خىتايغا قارىتا قوللىنىلىدىغان جازا تەدبىرى چوقۇم ياۋروپا ياكى خەلقئارا سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مەن پرېزىدېنتقا يازغان خېتىمدە فىرانسىيە رەھبەرلىرىنى بۇ جەھەتتە كۈچلۈك پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىردىم. فىرانسىيە بۇ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ ۋە خەلقئارا مۇنازىرىلەردىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى ياۋروپا ئورگانلىرىنىڭ كوللېكتىپ، ماسلاشقان ۋە ئۈنۈملۈك جازالاش رامكىسى مېخانىزمىنى تېزلا يولغا قويغىلى بولىدۇ.
مۇخبىر: فىرانسىيە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن ۋەھشىيلىكلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. سىزچە خىتاي بۇنىڭغا يول قويامدۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، كېيىنكى قەدەمدە فىرانسىيە نېمە قىلىشى كېرەك؟
پارلامېنت ئەزاسى ئائۇرېلىيېن تاچې: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە جاۋاب بېرىشىچە، «خىتاي بۇ ساھەدىكى مۇستەقىل خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ شىنجاڭنى پۈتۈنلەي ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك». ئەمما بۇمۇ يېتەرلىك ئەمەس، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، مەجبۇرى ئەمگەك قىلىش ۋە مەجبۇرى تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئىسپاتلارغا ئاساسەن مەخسۇس تەتقىقاتلار ۋە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئەمدى كۆزىتىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى كونكرېت ھەرىكەت ۋە جازا قوللىنىش پەيتىدۇر.
مۇخبىر: سىزنىڭچە، فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مۇزاكىرىگە ئېلىپ كېلىشى ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كونكرېت ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشتا نۇقتىلىق رول ئوينىشى كېرەكمۇ؟ فىرانسىيە بۇ مەسىلىدە يەنە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە غەربتىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە مۇزاكىرە قىلىشى كېرەكمۇ؟
پارلامېنت ئەزاسى ئائۇرېلىيېن تاچې: ب د ت، بولۇپمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارى شۇنداقكى، بۇ يەنە ئۈنۈملۈكتۇر، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ جىنايەتنىڭ ئىنكاسى چوقۇم خەلقئارالىق بولۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتە فىرانسىيە چوقۇم بارلىق تەسىر كۈچى ۋە دىپلوماتىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ كوللېكتىپلىق قوللاشتىن ئىبارەت ئۇسۇلنى قوللىنىپ ماسلاشتۇرۇشى زۆرۈر.»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى