فىرانسىيەلىك يازغۇچى سىلۋىي لاسسىرنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا ساياھەت» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.

فىرانسىيەلىك يازغۇچى سىلۋىي لاسسىرنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا ساياھەت» نامىلىق كىتابى فىرانسىيەدە ئىككىنچى قېتىم نەشردىن چىقتى. سىلۋىي خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسكەن. فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار پەقەتلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ كۆرسەتكەن خەۋەر-ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلغان ئىكەن.

سىلۋى خانىم 2006-يىلى قىرغىزىستانغا بارغان. ئۇ شۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى قېتىم فىرانسىيەدە ئاڭلىغانلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان. فىرانسىيەگە قايتىقاندىن كىيىن بىر قېتىملىق لېكسىيەسىدە ئۇچرىشىپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

2007-يىلى ئۇ رابىيە قادىر خانىم بىلەن جەنۋەدە كۆرۈشكەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى قىلىۋاتقان ئەركىنلىك كۆرەشلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۇرتىغا بېرىشنى قارار قىلغان.

2007-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سىلۋى خانىم قازاقىستانننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىن ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىقىپ، ئالدى بىلەن غۇلجاغا، ئاندىن ئۈرۈمچىگە بارغان. ئۇ ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ قەشقەر ۋە ئاتۇشقا بارغان. پۈتۈن بۇ سەپەر جەريانىدا ئۇچراشقان ئاپتوبۇس ۋە پويىزدىكى ئۇيغۇر يولۇچىلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات كارتىنىلىرى سىلۋىي خانىمنىڭ قەلبىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى كىتابى «ئۇيغۇرلار يۇرتىغا ساياھەت» نى 2010-يىلى فىرانسىيەدە نەشر قىلدۇرغان.

سلىۋى خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ھەققىدە ئېيتىدىغان نۇرغۇن گەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتىپ، ھاياجانلانغان. ئۇ كىتابى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «كىتابىم ئىككى بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى بۆلۈمدە 2007-يىلى تۇنجى بارغان ۋاقىتلىرىم ۋە 2008-يىلىدىكى ساياھەت خاتىرىلىم ئاساس قىلىنغان. مەن خىتايلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغان، چەتكە قېقىلغان، كەمسىتلىشكە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم. بىر قېتىملىق ھېيت مەزگىلىدە سامانى كۆردۈم. ئاجايىپ گۈزەل بىر مەدەنىيەتكە شاھىت بولدۇم. مەن داڭلىق دارۋاز ئادىل ھوشۇر بىلەن كۆرۈشتۈم. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ساقلىنىپ قالغان شامان مەدەنىيىتىنى كۆردۈم. بىرىنچى بۆلۈمدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردۇم، چۈنكى 2010-يىللاردا ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى.»

سىلۋى خانىم كىتابىنىڭ ئىكىنچى بۆلۈمىنىشەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن سىرلىق ۋەقەلەرگە قاراتقانلىقىنى ئېيىتىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن 1997-يىلى 2-ئايدا يۈز بەرگەن ‹غۇلجا ۋەقەسى› ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتىم. ‹غۇلجا ۋەقەسى› دە نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆلتۈرۈلگەن، قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان ئىكەن. ھېچكىم ئۇ ھەقتە گەپ قىلىشنى خالىمايتتى. ئۇلار بەك قورقۇپ تۇراتتى. ئەگەر ماڭا بىرى گەپ قىلسىمۇ، خېيىم-خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قورقاتتى. مەن ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلىمەن، ئۇلارمۇ بىلىدىكەن، لېكىن نېمە ئۈچۈن، قانداق بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.»

سلۋى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ كىتابى 10 يىلدىن كىيىن ئىككىنچى قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان.

ئىككىنچى قېتىملىق نەشرىدە مەزكۇر كىتابقا مىليونلىغان ئۇيغۇر قامالغان لاگېر مەسىلىسىگە ئائىت مەزمۇنلار ۋە 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىكئۇچار، ئادەمسىز ئايروپىلانلار بىلەن قانلىق باستۇرغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار قوشۇلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئىككىنچى نەشرىدە لاگېرلار ۋە يەركەن ۋەقەسى بار. نۇرغۇن كىشىلەر يەركەندە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 2019-يىلى تۈركىيەگە باردىم. تۈركىيە سەپىرىمدە 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە لاگېر شاھىتلىرىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەن. 2014-يىلى غەربنىڭ نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھېچبىرىنى كىرگۈزمىدى. ھېچكىم ئۇ يەردە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. لېكىن، بىز بىلىمىزكى، ئەينى ۋاقىتتا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قەتلى قىلىنغان ئىدى.»

بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققان بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق ژېن لۇك ئەپەندى كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەقىقەتەن دۇنياغا خاتا ئۇچۇر تارقىتىۋاتىدۇ، مەن بۇ كىتابنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ تارقاتقان ئۇچۇرى بويىچە ئۇيغۇر لارنى ‹تېررورچى› دەپ بىلەتتىم. سىلۋى مىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. ئۇنىڭ يازغانلىرىغا ئىشىنىمەن. بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ئىكەن. بىز بۇنى ھەقىقەتەن بىلمەيدىكەنمىز. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىمۇ بەلكىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە توغرا ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمەسلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ كىتاب فرانسۇز تىلىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارايمەن.»

«فىرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 22-ئىيۇل ئېلان قىلغان «فىرانسىيە خۇاۋېي ۋە شىنجاڭدىن قايسىسىنى تاللايدۇ؟» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان لې دىرىيان پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم قاتتىق تەلەپپۇزدا كەسكىن ئەيىبلىگەن. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما سېكرېتارى زۇمرەتئاي مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار توغرىلىق يېزىلغان فىرانسۇز تىلىدىكى ماتېرىياللار ئىنگلىز تىلىغا قارىغاندا بەك ئاز. يېقىندا ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىر ئاز خەۋەر بېرىلگەن ئىدى، ئالدىنقى ھەپتە 30 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى پرېزىدېنت ئىمانوئېل ماكرونغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات سۇندى. دېمەك، فىرانسۇز تىلىدا مۇشۇنداق كىتاب، ماقالە ۋە خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى بىزگە ئىنتايىن پايدىلىق، دەپ قارايمەن.»

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى