زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىقامەت كىنىشكىسى ۋە ئىككى پەرزەنتى.

تۈركىيەدىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان زىننەتگۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ھەدىسى گۈلجەننەت، سىڭلىسى زىننەتگۈلنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ۋە ئىككى بالىسىغا ئانىسى قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشارەتلىك بىر ئۇچۇر ئالغان. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئېنىقلاشلار داۋامىدا زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىغا نۆۋەتتە ئانىسى ئەمەس، چوڭ ئانىسى قاراۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە بولسا ئائىلە ئەزالىرى ۋە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

زىننەتگۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ھەدىسى گۈلجەننەت ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق سىڭلىسى زىننەتگۈلنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ۋە ئىككى بالىسىغا ئانىسى روشەنگۈل ياسىننىڭ قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشارەتلىك بىر ئۇچۇر ئالغان. يەنى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئۈندىداردا ئۇنىڭغا زىننەتگۈلنىڭ بىراقلا يوقالغانلىقى ۋە ئىككى بالىسىنىڭ ئاپىسىغا قېلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. گۈلجەننەت «بىراقلا يوقالدى» دېگەن بۇ سۆزنى، يەتكۈزگۈچىنىڭ ئېچىنىش كەيپىياتىغا قاراپ «تۈگەپ كېتىش» دەپ چۈشەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرقانچە ئاي ئىلگىرى ئۇ زىننەتگۈلنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئۇچۇر ئالغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئىشارەتلىك ئۇچۇر ئۇنىڭغا تېخىمۇ قورقۇنۇنۇچلۇق بىلىنگەن. ئۆتكەن يىلى 6‏-ئايدا تۈركىيەدىن تاجىكىستان ئارقىلىق يۇرتىغا قايتۇرۇلغان زىننەتگۈل قورغاس ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزا مەركەز كەنتىگە نوپۇسلۇق بولۇپ، بۇ ئۇچۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى ئاۋۋال لەڭگەر يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغان.  بۇ ساقچىخانا تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن لەڭگەر يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسىگە تېلېفون قىلغان. بۇ بىرلەشمىدىكى مەسئۇل خادىم زىننەتگۈل ۋە ئائىلىسىنى بىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە، بولۇپمۇ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان. مۇخىرلار  ساقچى خادىملىرى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، زىننەتگۈل ئولتۇرۇشلۇق مەركەز كەنت ئاياللار مۇدىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن. بۇ خادىم،

زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىغا نۆۋەتتە ئانىسى ئەمەس، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى، يەنى ئانىسى روشەنگۈل ياسىننىڭ ھەدىسى ئامانگۈلنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ئۇمۇ زىننەتگۈلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، بولۇپمۇ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. تېخى 2-3 ھەپتىنىڭ ئالدىدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر ئائىلىگە بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، بۇ ئۆيدە ھېچقانداق بىر مۇسىبەت ھاۋاسىنى كۆرمىگەنلىكى، قولۇم-قوشنىلارنىڭمۇ ئۆلۈم پەتىسى قىلىپ كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ خادىم زىننەتگۈلنىڭ ئىككىسى بالىسىغا قاراۋاتقان چوڭ ئاپىسى ئامانگۈلنىڭمۇ مەركەز كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىر ئائىلە ئايالى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن چوڭ ئاپىسىغا تاپشۇرۇلغانلىقى ۋە ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە ئامانگۈلنىڭ يولدىشى ھەسەنجان دېگەن كىشىدىن ئۇچۇر ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئەمما مۇخبىرلار بىرقانچە كۈن قايتا – قايتا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ھەسەنجاننىڭ تېلېفونى ئۇلانمىغان. بۇ ئاياللار مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن زىننەتگۈلنىڭ ئائىلىسىگە بارغىنىدا 5 جانلىق بۇ ئائىلىدە يالغۇز زىننەتگۈلنىڭ ئىنىسى ئىبراھىمنى ئۇچراتقان، ئەمما ئىبراھىممۇ زىننەتگۈلنىڭ نەدە ۋە قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى