«يەرشارى سىياسىتى» ئاقىللار مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان تور مۇھاكىمىسىگە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر قىسمى. 2020-يىلى 24-ئىيۇل.

غەرب دۇنياسىغا يىللاردىن بېرى مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى زور تېمىلاردىن بىرى بولۇشى يېقىندا ئامېرىكادا ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» دا رەسمىي ئىپادىلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇنغا جېنىنىڭ بارىچە قارشى تۇرۇشى ھەمدە خەلقئارانىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاشقا مايىل بولۇشى روشەن سېلىشتۇرما بولۇۋاتقاندا ‍شەرقىي تۈركىستاندىكى تېخىمۇ قاباھەتلىك بولغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر نوپۇسىنى تۈرلۈك تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي يوسۇندا چەكلەش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. يەنە كېلىپ غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش چۇقانلىرى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقاندا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش بىلەنلا قالماستىن، يەنە ئاشكارا باياناتلار ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قوللىشى كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى. بۇ جەھەتتىكى رېئاللىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن «يەرشارى سىياسىتى» ئاقىللار مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان تور مۇھاكىمىسىگە ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن بىر قىسىم كىشىلەر تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

24-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمىنىڭ رىياسەتچىسى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تېخى ئۇنچە زور خەلقئارالىق دىققەت قوزغاپ كەتمىگەن ۋاقىتلاردا بۇ ھەقتە ناھايىتى سەۋىيىلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلگەن «يەرشارى سىياسىتى» ئاقىللار مەركىزىنىڭ خادىمى ئەزىم ئىبراھىم ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارنى، شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنى تونۇشتۇرغان.

مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى يېزىپ كېلىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلارغا قارىتىلغان كۈچلۈك ئىنكاس تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مۇشۇ خىلدىكى ئىنكاسلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇشى ھەمدە بۇنى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يەرشارى جۇغراپىيەسىگە باغلانغان مەنپەئەتلىرىنىڭ توقۇنۇشۇشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەرگە مەنسۇپ قىلماقچى بولۇشى زادىلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان كۆز قاراش ئىكەن. بىرىنچىدىن، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەييارلىنىشى ۋە مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى بۇ سۈركىلىشلەردىن خېلىلا بۇرۇن باشلانغان. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا مۇتلەق ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ھېچقانداق قارشىلىقسىز دېگۈدەك ماقۇللىنىشى ھەرقاچان بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا پىكىر ئىختىلاپىغا دۇچ كېلىدىغان پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىققا قارىتا ئورتاق چۈشەنچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ قانۇن لايىھەسى مۇزاكىرىگە قويۇلۇشقا باشلىغاندىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر، جۈملىدىن مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن مىنۇچىن قاتارلىقلار بۇ قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاش ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسى ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىلغان بىر تۈرلۈك ئىنكاستۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەمدە دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش قىلمىشى بولسا دۇنياۋى كرىزىس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈن بۇ ھال دۇنيادىكى ھەقلەرنى ۋە ئادالەتنى ياقلىغۇچى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. بۇ بولسا دۇنيانى ھەمدە خەلقئارا جامائەتنى «ماگنېتىسكى قانۇنى» غا ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرىش رولىنى ئوينايدۇ.

رىياسەتچى ئەزىم ئىبراھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ماگنېتىسكى قانۇنى» غا ‍ئوخشاش قانۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتايدىكى ھوقۇقدارلارغا ئورتاق بولغان پەرزەنتلىرىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ماڭدۇرۇش قىلمىشىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا بۇمۇ ئاشۇ خىل زۇلۇمغا شېرىك ئەمەلدارلارنى چەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ تەييارلىنىشىدىن تارتىپ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلمۇ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بەكمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئىدارىلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشىدا بارلىققا كېلىۋاتقان يۈكسىلىشنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بولۇپمۇ چېن چۇەنگوغا ئوخشاش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ بۇ «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنىشىنىڭ ئۆزى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەردە بارلىققا كەلگەن بىر يېڭىلىق بولۇپ، بۇ ھال نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا زور ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى نۆۋەتتە بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ھەمدە «قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كرىزىسقا قارىتا خەلقئارا جامائەتنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتكە دەۋەت قىلماقتا ئىكەن. چۈنكى بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەڭ تۈپكى ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇيغۇرلارغا دائىر قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردە بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر قىلىشقا فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلنۇر رەيھان تەكلىپ قىلىنغان. دىلنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قانۇنىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر داۋاسىدىكى بىر يېڭى غەلىبىنى ۋە ئۈمىدنى كۆرگەندەك بولغان. شۇ سەۋەبتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەمدىلىكتە بۇ قانۇن ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققۇسى يېڭى تەرەققىياتلارنىڭ لاگېرلارنى، ئۇزۇن يىللىق زۇلۇمنى ۋە مۇستەملىكىچىلىكنى بەربات قىلىشىنىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە بولسا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ رېئاللىقنىڭ ئاشكارا بولۇشىغا ئەگىشىپ ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ «ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى بارغانسېرى بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ زور دۇنياۋى بىرلىكسەپنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى