غۇلجىغا بارماقچى بولسىڭىز بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ - 新疆1074 ...

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە يولغا قويغان ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى كارانتىن تەدبىرلىرىنىشەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىشكە باشلىغان.

يەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرى ۋە خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىنى كارانتىن ئاستىغا ئالغان. پۇقرالارنىڭ تالاغا چىقىشىنى چەكلەپ، ئاممىۋى قاتناش، يىغىلىشلارنى مەنئى قىلغان، سودا ساراي ۋە دۇكانلار تاقالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجادا كارانتىن ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر مەزكۇر شەھەردىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ باقمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونىم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ 27-ئىيۇل ئېلان قىلىشىچە، رايوندا 26-ئىيۇل كۈنى 41 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان. لېكىن يېڭى بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ ھېچقايسى غۇلجادا ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىر نەپىرى بىڭتۇەندە، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىدا 26-ئىيۇل كۈنى رايون مىقياسىدا يۇقۇمدارلارنىڭ 178 گە يېتىپ بارغانلىقى، ئۇلارنىڭ 1 نەپىرىنىڭ قەشقەردە، بىر نەپىرىنىڭ بىڭتۇەندە، قالغان 176 نەپىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا 26-ئىيۇلغا قەدەر غۇلجادا بىرەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ۋۇخەندىن تارقالغان ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى غۇلجاغا تارقالغاندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان. خىتاينىڭ بۇ قېتىم يولغا قويغان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىمۇ ئوخشاشلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا يۇقۇمنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىشى، كارانتىن ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش خەۋپى ئەندىشە ياراتماقتا. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 26-ئىيۇلغا قەدەرشەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا كارانتىن ئاستىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقان گۇمانلىق يۇقۇمدارلار 8795 نەپەر ئىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى