ئۇچۇر تورى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ۋە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رېينخارت خېنز بۈتىكوفېر، ۋولكېسۋاگېن شىركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا ياردەملىشىپ، «ۋىدانسىزلىق» قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكادىكى «سىياسەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەلىك مەزكۇر سىياسىيون ئۈرۈمچىدە زاۋۇت ئاچقان گېرمانىيە ئاپتوموبىل شېركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى تۇرمىدى، دەپ تەنقىدلىگەن. ۋولكېسۋاگېننىڭ ئىجرائىيە دەرىكتورى خېربېرت دەئىس ئۆتكەن يىلى ببچ غا خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ۋولكېسۋاگېن شىركىتى ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. بۈتىكوفېر «سىياسەت» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، «ۋولكېسۋاگېن…بىر ۋىجدانسىز شىركەت. ئۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتلەر شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا شېرىك بولۇۋاتىدۇ،» دېگەن. ئۇ يەنە ياۋروپا كومىسسىيەسىنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكا خىتايغا قارىتا بەزى جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ بۇ ئىشتا كەينىگە تىرەجەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى