28-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلىپ، 2014-يىلىدىكى يەركەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» نىڭ ئالتە يىللىق خاتىرىسىدە دۇنيانى مەزكۇر تىراگېدىيەنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلرىغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى، يەنى 2014-يىلى روزى ھېيت كۈنى يەركەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نارازىلىقنى دەرھاللا «يەرلىك توپىلاڭچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكىتى» دەپ شەرھىلىگەن. شۇنداقلا زور ساندىكى قوراللىق قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان نامايىشچى ئاممىغا ئوق چىقارغان، نەچچە يۈزلىگەن كىشى قولغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «بۇ بىر قېتىملىق ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ھەرىكىتى» دېگەن. شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنى «يۈزگە يېقىن» دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە 250 چە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار شۇ ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن، شۇ قېتىم ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ھەمدە قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ بۇ ساندىن زور دەرىجىدە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچانقىدەك «چوڭ ساننى كىچىكلىتىش» ئويۇنى ئوينىغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان باياناتتا ئاشۇ قېتىملىق ۋەقە قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ئاھۇ-زارى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەس بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئاشۇ يىللىرى يۈز بەرگەن ھەمدە «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» گە ئوخشاپ كېتىدىغان لۈكچۈن، خانئېرىق ۋەقەلىرىنىڭ ھېچقانداق تەكشۈرۈشسىز كىشىلەرنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئاشۇ دۆلەت زوراۋانلىقى قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بېشارەتلىرى ئىدى. بىز نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇملارنى توختىتىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ‹ئېلىشقۇ ۋەقەسى› دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشىمىز لازىم،» دەيدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دۇنيا ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشى ئارقىسىدا خەلقئارانىڭ بۇ ۋەقەنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش تىرىشچانلىقى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى