ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ غايىب بولۇشۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان 435 نەپەر داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتۇن قىلغانلىقى دەلىللەنگەن.
2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر نەشرىياتچى ئەركىن ئىبراھىم شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن. ئەركىن ئىبراھىمنىڭ كىتابچىلىق شىركىتى مىڭلىغان كىتابلارنى خىتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ كىتاب نەشرى قىلىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ياشايدىغان ئوغلى بۇغرا ئەركىنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، دادىسى تۇتۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىش مۇمكىن بولمىغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «دادامنىڭ ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور. شۇڭلاشقا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلاندى. بۇنى قوبۇل قىلغىنى بولمايدۇ. ھاياتىمىز خانىۋەيران قىلىندى.»
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 435 زىيالىي ئارىسىدا يەنە ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىم ھەسەن ۋە ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلارمۇ بار.
ئالىم ھەسەننىڭ ئوغلى ئېرشات ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى 2018-يىلى بېيجىڭدىن بىر يىغىنغا قاتنىشىپ قايتىشىدا تۇتۇپ كېتىلگەن.
ئالىم ھەسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرچە-خىتايچە تەرجىمىلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مۇتەخەسسىس ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى يالقۇن روزى 2016-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 2018-يىى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن 15 يىللىق كېسىلگەن ئىدى.
يالقۇن روزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ئۇنىڭ يېڭى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىگە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كىرگۈزگەنلىكى سەۋەب بولغان، دەپ قارالغان ئىدى.
2016-يىلى كۈزدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، ئەسلىدىنلا ئوقۇش سائىتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈش چەكلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى كامالتۈرك يالقۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ دەرسلىكلەرنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى چىقىرىپ تاشلاپ كەلگۈسى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇسۇلى. بۇ مېنى پەرىشان قىلىپلا قالماي، غەزىپىمنى قوزغايدۇ.»
خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن باشقا 1. 8 دىن 3 مىليونغىچە ھەر ساھە ئۇيغۇرلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا تاشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى