NBA 31 Temmuz'da 22 takımla geri dönüyor! - Son dakika NBA ...

«NBA» ئۇزۇندىن بېرى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان ۋە 3 مىليون ئەتراپىدا كىشى لاگېرغا قامالغان شەرقىي تۈركىستاندا مەشىق بازىسى ئاچقانلىقى ۋە بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەر ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتاتتى.

«CBS» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبېرن ئامېرىكا ۋاسكېتبول ئۇيۇشمىسىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزمەيدىغانلىقىنى سورىغان.

نەتىجىدە، ۋاسكېتبول ئۇيۇشمىسى «NBA» نىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى مارك تاتۇم 21-ئىيۇل كۈنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بلەكبېرىنغا جاۋاب خېتى يازغان. تاتۇم خېتىدە «NBA شىنجاڭدىكى ۋاسكېتبول ئاكادېمىيەسى بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە خاتىمە بېرىلدى» دەپ يازغان.

مەزكۇر جاۋاب خېتىنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبېرن ئۆزىنىڭ تىۋىتتىردىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كۇلۇبى «NBA» نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزى 2016‏-يىلى 10‏-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى 3 مەشىق مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. يۇقىرىدىكى بۇ مەشىق مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى «NBA» نىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئاقلىغانلىق، دەپ باھالىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 8 نەپەر ئەزاسى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئۇلارغا مەخسۇس مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئامېرىكا ۋاسكېتبول ئۇيۇشمىسىنى ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزىنى تاقاشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى