«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 22-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خىيۇستوندىكى باش كونسۇلخانىسىنى جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك 72-سائەت ئىچىدە تاقاشقا بۇيرۇغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 22-ئىيۇل دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكادا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىشى ئىزچىل مەسىلە بولۇپ كەلدى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىگە پۇرسەت بەردۇق. ئۇلار ھەرىكىتىنى توختاتمىدى. بىز ئەمدى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى ۋە ئىقتىسادىمىزنى قوغدايدىغان ھەرىكەتكە ئۆتىمىز».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات بەرگەن بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ قېتىملىق تاقاش خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا، يەنى ئۇنىڭ ‹ئىزچىل جاسۇسلۇق ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى›گە قايتۇرۇلغان جاۋاب».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس ئامېرىكانىڭ چىقارغان بۇ قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ۋيېنا ئەھدىنامىسىدە دىپلوماتلارنىڭ ‹قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق مەجبۇرىيىتى بار› دېيىلگەن. لېكىن خىتاي ئىزچىل جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ئامېرىكانىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋراي ۋە باش تەپتىشى بارر ئېيتقاندەك، خىتاي ئەمەلدارلىرى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىگە ئارىلاشتى، ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى، خىتايدا ياشايدىغان خىتاي ئامېرىكالىقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سالدى. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خىيۇستوندىكى باش كونسۇلخانىسىنى تاقاش بۇيرۇقىنى بەردى».
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى