يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە تېزدىن يامراۋاتقانلىقى تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە شۇنىڭغىچە بولغان مەزگىلدە ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن مەلۇم بولغان ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ 47 گە يەتكەنلىكىنى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 50تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەردە بايقالغان يۇقۇمداردىن بىرى بارلىقى ئېيتىلىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن بايقالغان تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ئاساسەن تەڭرىتاغ رايونى ۋە سايباغ رايونىدىن بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ جايلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە بىر ھەپتىلىك «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرى ئېلىنغان. ئەمما ھازىرچە بۇنىڭ بىر ھەپتىدىن كېيىن بىكار قىلىنىدىغانلىقى ياكى داۋام قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشى جەريانىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھايانكەشلىك ۋە ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىدىن 37 قېتىملىقى قانۇن بويىچە بىر ياقلىق قىلىنغان.
ھالبۇكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىدىنمۇ بەك ئەندىشە قىلىۋاتقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىملاپ ئىسپاتلانغان يالغانچىلىق قىلمىشى بولۇپ، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يۇقۇمدارلار سانىدىن زور دەرىجىدە گۇمان قىلماقتىكەن. يەنە بىر ياقتىن شەھەرنى قامال قىلىش چارىسىنىڭ نۇرغۇن ساندىكى ئۇيغۇرلارنى كۈتۈلمىگەن ئاچارچىلىققا گىرىپتار قىلغانلىقى ئۆتكەن مەزگىللەردە كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان بولغاچقا بۇ قېتىممۇ ئاشۇ خىلدىكى ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن، شۇنداقلا تېزدىن يامراۋاتقان ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىپ تېخىمۇ ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى