ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترالىيەدىكى بىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامىدىن، دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ياپونىيەدىكى 11 چوڭ شىركەتكە مەكتۇپ يوللاپ، ياپونىيە شىركەتلىرى ھەمكارلاشقان خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. يېقىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ شىركەتلەرنىڭ بىر قىسمىدىن جاۋاب مەكتۇپلىرىنى ئالغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان 11 چوڭ شىركىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئابدۇكېرىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەنە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياپونىيە پارلامېنتىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان بىرقانچە قېتىملىق پائالىيىتىدىمۇ، «خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش ئەھۋالى» مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى، ئۆزلىرى مەكتۇپ يوللىغان ياپونىيەنىڭ داڭلىق شىركەتلىرىدىن خىتاچى، جاپاندىس پلاي، مىتسۇبىشى، مىتسۇمى، نىيۇتەندو، پاناسونىك، سونىي، ت د ك، توشىبا، يۇنىكلو، شارپ، قاتارلىق 11 شىركەتنىڭ ئىسمىنى ساناپ ئۆتكەن.
ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىل 7-ئاينىڭ بېشىغا قەدەر بۇ شىركەتلەرنىڭ زور كۆپ قىسمىدىن ئېلخەت ۋە پوچتىدىن يوللانغان مەخسۇس جاۋاب مەكتۇپلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان.
ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى يېقىندا تاپشۇرۇۋالغان مىتسۇبىشى يوللىغان جاۋاب خەت ھەققىدە توختىلىپ، خەتتىكى «سودا ئالاقىسىدە بولغان خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى بايقالسا، بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە سودا ئالاقىسىنى ئۈزىدىغانلىقى» ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنى خۇشال قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى، مىتسۇبىشى شىركىتى ئەۋەتكەن جاۋاب خەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بەرگەن بولۇپ، مىتسۇبىشى شىركىتى يوللىغان جاۋاب خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
«3-ئايدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شىركىتىمىز بىلەن بىۋاسىتە سودا-سېتىق قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن چېتىشلىقى يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. شىركىتىمىز تەمىنلەش زەنجىرىنى تاللاشتا ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە تەكشۈرۈپ ئاندىن بېكىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر، شىركىتىمىز بىلەن سودا-سېتىق قىلىۋاتقان شىركەتلەردە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى بايقالسا، ئۇنداق شىركەتلەر بىلەن بولغان تىجارەتنى توختىتىمىز.»
زىيارەت ئاخىرىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئەپەندى يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن خىتايدىن كۆچۈپ چىقىشنى قارار قىلغان شىركەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئۆزلىرىنى خۇشال قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇكېرىم ئەپەندى سۆزىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن خىتايدىن كۆچۈرۈلۈپ چىققان بۇ شىركەتلەرنىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سىلىغان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى مەسىلىسى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە ئېنىق خەۋەر بېرىلمىگەن بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ياپونىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ۋە ئىقتىسادىي تەشەببۇسىنى قوللاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى يەنى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ياپونىيە تاراتقۇلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زور دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە ياپونىيەنىڭ خىتايدىن جەمئىي 87 كارخانىسىنىڭ چېكىنىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەزكۇر خەۋەردە خىتايدىن چېكىنىپ چىققان 30 شىركەتنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيە دۆلەتلىرىدىكى ۋېتنام، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، قالغان 57 شىركەتنىڭ ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ياكى باشقا جايلارغا يۆتكىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى