20-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ يەنە 11 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭنى «ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ھەمدە خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويماقچى بولغانلىقى بۈگۈن غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 20-ئىيۇل ئېلان قىلغان «لوندون خىتاي بىلەن بولغان ئالتۇن دەۋرىنى مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇردى» ناملىق ماقالىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى خوڭكوڭغا مەجبۇرى تېڭىپ خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىگە خاتىمە بەرگەنلىكى ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئېغىر قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنىڭ خىتاي بىلەن ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» گە خاتىمە بېرىشكە سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 20-ئىيۇل ئېلان قىلغان «جونسون بېيجىڭ بىلەن توقۇنۇشقا كىردى» ناملىق ماقالىدا ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك رابنىڭ بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان خىتايغا قارىتا ئېلان قىلىۋاتقان نۇتۇقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ماقالىدا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتكەن خوڭكوڭ بىلەن بولغان كېلىشىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، ئەمدى ئەنگلىيەنىڭ بۇ قەدەمنى باسقانلىقى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى خوڭكوڭغىمۇ يۈرگۈزۈش قارارىنى ئالغانلىقى، پۇل-مۇئامىلە جازاسىنى چوڭ دۆلەتلەرگە كېڭەيىتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك رابنىڭ «بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش، شۇنداقلا خىتايغا خەلقئارادىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەت» دېگەن سۆزىگە ئورۇن بەرگەن.
ماقالىدا ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسوننىڭ 5گ تور ئېقىمىنى تاقاش، 3 مىليوندىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇقلارغا ئەنگلىيەنىڭ پۇقرالىق پاسپورتىنى بېرىش توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى شەرھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك رابنىڭ خىتاينى «1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.
ماقالىدا «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتە ئىلگىرى ھۆججەتلىك دەلىللەرنى ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭنىڭ ئالدىنقى كۈنى بىر تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار قامىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى يەنە ئىنكار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئەنگلىيەدىكى د ئۇ ق نىڭ ئىشخانا مۇدىرى رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن بۇنداق كەسكىن تەلەپپۇزدا تىلغا ئېلىنىشى ئەنگلىيەدىكى ھەر ساھە جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بارغانسېرى جىددىي كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئامېرىكا خىتايغا قارشى جازا قانۇنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەنگلىيەنىڭ خىتاينى جازالاشقا باشلىشىنىڭ ياخشى بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ تۇرغان ۋە ھېچكىم ئۆزىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتقان، لاگېرلاردا ئۇلار ‹ياخشى خىتاي› بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان، قويۇپ بېرىلىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىرى زاۋۇتلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان، تۈمەنلىگەن بالىلار ئاتا-ئانىسىز يېتىم قېلىۋاتقان، يەنى شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر مىللەت پۈتۈنلەي قىرغىن ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى جازا قانۇنىنى يولغا قويۇشى، ئارقىدىنلا ئەنگلىيەنىڭ ئۇنىڭغا ماسلىشىشىنى ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئىلگىرىلەش دەپ ئويلايمەن. پۈتۈن ياۋروپانىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمەن.»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى