خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ كەسكىن تەنقىدلىرىگە دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە بۇ ھەرىكەتلەرگە خەلقئارانىڭ «قىرغىنچىلىق» دەپ تەبىر بېرىشى بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان قىلمىشلىرىغا تېگىشلىك جازا بېرىش چۇقانلىرى ئەمەلىي ھەرىكەتكە يۈزلىنىشكە باشلىدى. 20-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭىدىن خىتايدىكى 11 شىركەت ۋە سودا مۇئەسسەسىنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم قەدەم بولۇپ قالغان.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا ئۇلارنىڭ «سانجى يىدا توقۇمىچىلىق گۇرۇھى»، «خوتەن خاۋلىن چاچ مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى»، «نەنجىڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھى»، «نەنچاڭ فىلىم تېخنولوگىيەسى» قاتارلىق 11 شىركەت ۋە زاۋۇتنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەنلىكى ئېيتىلىدۇ.
مەزكۇر قارارنى چىقارغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى مايك سايس ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قارارنى ئالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىىدىكى بۇ 11 شىركەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىش، زور كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە شەخسلەرنىڭ رازىلىقىسىز ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر قارارنى ئالدۇق. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تەرزدە بىزنىڭ قارا تىزىملىكىمىزگە ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرى جەمئىي 37 گە يەتتى» دېگەن.
دىرېكتور مايك سايسنىڭ ئېلخەتتە بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا مال ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئىجازەت بولمىغاندا شۇ شىركەتنىڭ ماللىرى ئامېرىكا تاموژنىسىدىن ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن. ناۋادا ئۇلار بۇ ئىجازەتنامىنى قايتا ئالماقچى بولغاندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا يازما ئىلتىماس تاپشۇرۇشى ھەمدە بۇ ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن سودا پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتىتېىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلمۇ بۇ مەسىلىدە دىرېكتور مايك سايىسقا ئوخشاش قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىغا ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى سەۋەبكار ئىكەن.
نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ كەسكىن قارارى ئۆز نۆۋىتىدە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە لاگېرلارغا ئوخشاش ئاللىقاچان مەدەنىيەت دۇنياسى تۈكۈرۈپ تاشلىۋەتكەن قەبىھلىكنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن. ئەمما «نيۇ-يورك ۋاقتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مىلياردلىغان مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنىشى شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولىدىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى