ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجانىڭ سۈيدۈڭ بازىرىدا، ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ ئاھالىلەرگە يېقىندا پىلانلىق تۇغۇت توغرىسىدا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە ئاھالىلەرنى سورالغان سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە تەربىيەلىگەن؛ شۇنداقلا ئاھالىلەر ئەگەر سوئاللارغا خاتا جاۋاب بېرىپ قويسا، بۇنىڭ جازاسى «تەربىيىلەش» كە ئاپىرىلىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى گېرمانىيەلىك خىتايشۇناس تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان ۋە دوكلاتتا بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى خىتاينىڭ ئۆز ھۆججەتلىرىدىكى پاكىتلارغا ئاساسەن كۆرسىتىلگەنىدى. بۇ دوكلات خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپنىڭ ئاندرىيان زېنزنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆھمەت چاپلىدى دەپ خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان مەزكۇر دوكلات، شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە جىددىيلەشتۈرگەن ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.
يېقىندا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئۇچۇر يوللاپ، غۇلجىنىڭ قورغاس ناھىيەسىدە ئاساسى قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنى پىلانلىق تۇغۇت توغرۇلۇق كېلىدىغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قارىتا ئىدىيە جەھەتتىن ھازىر بولۇشقا چاقىرغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر يىغىنلاردا پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئەگەر بۇ مەسىلىدە سوئاللارغا نامۇۋاپىق جاۋاب بېرىپ قويىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى رايوندىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلغان. سۈيدۈڭ بازىرىدىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر يىغىنلار باشقا يىغىنلاردەك ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئەمەس؛ نۆۋەت بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە ئېچىلغان، ھەر بىر يىغىنغا 15تىن 30 غا قەدەر كىشى قاتناشقان.
يىغىندا پات يېقىندا بىر تەكشۈرگۈچىلەر ئۆمىكى كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ۋە كەلگەندە ئۆزلىرى خالىغان ئۆيگە، ئۇشتۇمتۇت كىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كەلگەن ئىنكاستا، « كېلىدۇ » دېيىلگەن بۇ پىلانلىق تۇغۇت تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ چەتئەللىك ئۆمەك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قاتناشقان يىغىندا، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقى ۋە قاچان كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن.
رادىيوغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىغىنلاردا چەتئەلدىكى ئاتالمىش دۈشمەن كۈچلەرنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە قۇسۇر تېپىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاھالىلەرنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە مەخسۇس تەلىم بەرگەن.
مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچىمۇ، دائىرىلەر بۇ يىغىندا، رايوندا پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئۈزۈك سېلىش، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش قاتارلىق بارلىق تەدبىرلەرنىڭ زىيان-زەخمەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتىلەش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا، تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ ئولتۇرماسلىق تەشەببۇس قىلىنغان.
ئىنكاستا دېيىلىشىچە، تەكشۈرگۈچلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىشتىن قېچىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىۋېتىش تەلەپ قىلىنغان. يەنى تەكشۈرگۈچىلەر، پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدە گەپ سورىسا، دۆلەتنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدە ئۇزۇن مەلۇمات بېرىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر خادىممۇ، ئاھالىلەرگە پىلانلىق تۇغۇت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ سوئالىغا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئەمىن ئۆيى قۇرۇلۇشى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى قاتارلىق تېمىلاردا گەپ قىلىپ، سۆھبەتتە ئىجابىي بىر مۇھىت يارىتىشنى تاپىلىغان.
نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان تەييارلىق يىغىنلىرىدا يەنە تەكشۈرگۈچىلەر ئاھالىلەردىن غايىب ئائىلە ئەزالىرىنى سورىسا، يەنى تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نەدىلىكىنى ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى سورىسا «بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەرمەسلىكى، چوقۇم ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ توغرا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بۇيرۇلغان. مانا بۇ بۇيرۇق، كېلىدۇ دېيىلىۋاتقان تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ چەتئەلدىن كېلىش ئېھتىماللىقىنى كۆرسەتمەكتە.
شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرگۈچىلەرگە قارىتا ئاھالىلەرنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىش ئەھۋالى ئۆتكەن ئىككى يىلدىمۇ ئېنىق ھالدا كۆرۈلگەنىدى.
مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىممۇ ئاھالىلەر ئەگەر خاتا جاۋاب بېرىپ قويسا بۇنىڭ جازاسى «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلىش بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى